تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ ئالتاي كۆكسۇ سۇلۇق يېرى

كۆكسۇ سۇلۇق يېرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى شىنجاڭ ئالتاي شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، دەريا، كۆل، سازلىق، چىملىق، ئوتلاق، چۆل-باياۋان قاتارلىق كۆپ خىل مەنزىرە بىر گەۋدىلەشكەن بىرىكمە ئېكولوگىيە سىستېمىسى بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 30 مىڭ 667 گېكتار، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 490 مېتىر كېلىدۇ، كەلكۈن سۈيىنى تەڭشەش، كىلىماتنى تەڭشەش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رولىنى ئۆتەيدۇ.

قوغداش رايونى ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان. ئېرتىش دەرياسى سۈيىنىڭ ئېقىپ كىرىشى سۇلۇق يەرگە ياخشى جانلىقلار كارىدورى، بۈك-باراقسان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر، مول تەبىئىي ئورمان جىلغىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، «چۆللۈكتىكى يېشىل تاش»، «چۆل مەرۋايىتى» دەپ ئاتالدى. تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا جەمئىي 254 خىل ياۋايى ھايۋان بار، بۇنىڭ ئىچىدە بېلىق تۈرىدىن 22 خىلى، قوش ماكانلىق يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋاندىن 13 خىلى، قۇش تۈرىدىن 183 خىلى، دۆلەت بويىچە 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 9 خىلى، دۆلەت بويىچە 2-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋاندىن 39 خىلى بار. ياخشى بولغان ئېكولوگىيە مۇھىتى ياۋايى ھايۋانلارنى ياشاش، كۆپىيىش ۋە ئۆسۈش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، بۇ يەرنى تەبىئىي «يېشىل ماكان»غا ئايلاندۇردى.

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى