تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەجرىبە رايونى، ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەجرىبە رايونى، ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «ئىككى رايون»نىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەركەز شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ بىزگە مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەملەپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى رايون»نىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش يولى ۋە ئەندىزىسى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تولۇق قويۇپ بېرىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئىلغار ياسىمىچىلىق، سودا - ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت - ساياھەت، تېببىي دورىگەرلىك - ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەرنى زىچ چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كەسىپلەر توپىنى يېتىشتۈرۈپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى رايون»نىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەسىپلەرنى توپلاش ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، شېنجېن شەھىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن يېتىلدۈرگۈچ قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ توپلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا بايلىقى ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. سىياسەت مەدىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغاش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش ئېگىزلىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشىدا پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. «ئىككى رايون» قۇرۇلۇش رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى؛ «ئىككى رايون» تۇرۇشلۇق جايدىكى پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىشى؛ ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار دۆلەتنىڭ نىشانلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت، تۈر، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى