تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بىرىنچى سېپىدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن جې

«جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ تەسىراتىمدىكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇنچە قىزغىن ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن، بۇ بىر يىلدا مەندىكى ئىلگىرىلەشنىڭ بۇنچە زور بولىدىغانلىقىنىمۇ ئويلىماپتىكەنمەن.» ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى يار بېشى كەنتىدىكى بىر يىللىق «كەنتتە تۇرۇش» تۇرمۇشىنى پات ئارىدا ئاياغلاشتۇرىدىغان تيەن تيەن ئۈچ «ئويلىماپتىكەنمەن» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى يىغىنچاقلىدى.

2018 - يىلى، يار بېشى كەنتى «ياش ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش خىزمەت پونكىتى» قۇرۇپ، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى قاتارلىقلاردا جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت تىل - ئەدەبىياتى(ئۇيغۇر تىلى)نى ئۆگىنىۋاتقان پىراكتىكانتلارغا تىل پىراكتىكا قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلامنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كۈچىنى تولۇقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. 2019 - يىلى 7 - ئايدا، شىنجاڭ داشۆ ئۇيغۇر تىلى كەسپىنىڭ داشۆ 3 - يىللىقىدا ئوقۇيدىغان تيەن تيەن بەش ساۋاقدىشى بىلەن يار بېشى كەنتىگە كېلىپ، بىر يىللىق پىراكتىكىنى باشلىدى.

شىمالىي شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن تيەن تيەن ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى كۆپ ئەمەس ئىدى. «ئىلگىرى پەقەت بۇ يەرنىڭ شارائىتىنىڭ بىرقەدەر جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، گەرچە مۇئەللىم بىزگە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تونۇشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن يەنىلا نۇرغۇن ئوخشاشماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم».

دەسلەپ كەلگەندە، يار بېشى كەنتى تيەن تيەننىڭ ئىلگىرىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتتى. «كەنتتە زامانىۋى يوتقان - كۆرپە زاۋۇتى، كىيىم - كېچەك زاۋۇتى ۋە ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتى بار ئىكەن، كەنت ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ.» كەنتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تيەن تيەن ۋە ساۋاقداشلىرى كەنت كەسىپ تۈرلىرىنىڭ كۈندىلىك مەسئۇلى بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كەسىپ مەشغۇلاتى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ئۇلار ئىشنى نۆلدىن باشلاپ، ھەر كۈنى خىزمەتچىلەرنى يوقلىما قىلدى، قىلغان ئىشنى ھېسابلىدى ۋە ئارخىپ باشقۇردى، ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى قەرەللىك ئىگىلىدى.

«دەسلەپتە ئىشنى قولۇمغا ئالغان ۋاقىتتا بەكلا گاڭگىراپ قالغانىدىم، نېمىشقا كۈندە ئائىلىلەرگە كىرىمەن؟ ئەمما كېيىن نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى پەقەت ئائىلىلەرگە كىرىش ئارقىلىقلا ئىگىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم.» تيەن تيەن مۇنداق دېدى: ھازىر مەن مەسئۇل بولغان كەنت گۇرۇپپىسىنى بەش قولدەك بىلىپ كەتتىم، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بىلەن دوست بولدۇم.

تيەن تيەن ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىككىنچى ۋەزىپىسى يار بېشى كەنتى كەچلىك مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش. ھەر پەيشەنبە كۈنى كەچتە، يار بېشى كەنتى كەنت ئاھالىلەر مۇلازىمەت پائالىيەت مەركىزى پۈتۈن كەنتتىكى ئەڭ ئاۋات جايغا ئايلىنىدۇ. قوش تىل ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغاچقا، تيەن تيەن ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى دەرسى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. «دائىم دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن يەنە بەزىلەر بىزنى ئىزدەپ سوئال سورايدۇ» دېدى تيەن تيەن.

ئۇنى خۇشال قىلغىنى، بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسى پۇتۇڭخۇادا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بوپتۇ. «يولدا ماڭغىنىمىزدا، كەنت ئاھالىلىرى دائىم بىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالام قىلىدۇ» دېدى ئۇ.

«بىز كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، كەنتتە مەشرەپ ئويناشتىن باشقا مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى يوق ئىكەن.» تيەن تيەن ۋە ساۋاقداشلىرى يەنە، كەنت ئاھالىلىرى تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلانغانلىقى، ئەمما مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ يەنىلا بىر خىللا، زېرىكىشلىك ئىكەنلىكىنى بايقاپ، كەنتكە بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشنى قارار قىلدى. ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن نومۇر تەييارلاپ، كۇەيشەن تەشكىللەپ، مەيداندا ھەم رىياسەتچىلىك قىلىپ، ھەم ئارتىس بولۇپ، كەنت مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتىنى جانلاندۇردى. بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئۇلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 40 مەيدانغا يېقىن مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە تەشكىللىدى.

ئىلگىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ قاتنىشى قولايسىز، ئۇچۇر راۋان ئەمەس ئىدى، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش يولى چەكلىك ئىدى. تيەن تيەن ۋە ساۋاقداشلىرى كەلگەندىن كېيىن، يار بېشى كەنتى ئۈچۈن سىرتقا ئۇلىنىدىغان «كۆۋرۈك» بەرپا قىلدى. «بۇلتۇر 9 - ئايدا، بىز تور دۇكىنى ئېچىپ، كەنتتىكى مور، ياڭاق ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان يوتقان - كۆرپە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تورغا چىقاردۇق، يەنە مەھسۇلاتقا تاۋار ماركىسى لايىھەلىدۇق.» تيەن تيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ساۋاقداشلىرىم ئۆزلۈكىدىن ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە تونۇشتۇرۇپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە يار بېشى كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلدى.

نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى، شىنجاڭ داشۆنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى ياڭ لېينىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇلار يەنە «ياڭ مۇئەللىمنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خاتىرىسى» نامىدىكى مىكرو بىلوگ نومۇرىنى تەسىس قىلدى ھەم ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 30 نەچچە قىسقا سىننى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەپ، كۆرۈش نەزەرىنى كەنت ئۆزگىرىشىدىكى ھەربىر كۆرۈنۈشكىچە كېڭەيتتى.

داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كامېراسىدا يېزا - كەنتلەردىكى ئۆزگىرىشلەر خاتىرىلەنمەكتە، يېزا - كەنتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ بۇ ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا گۇۋاھ بولماقتا. جەنۇبىي شىنجاڭدا كەنتتە تۇرغاندا چوقۇم ئۆتۈشكە تېگىشلىك «بۈرگە ئۆتكىلى»دىن تارتىپ، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇشقىچە، تيەن تيەن ۋە ساۋاقداشلىرى ئىلگىرىكى سەبىيلىكى بىلەن تەدرىجىي خوشلاشتى. «دەسلەپ كەلگەن ۋاقىتتا ئۆيىمىزنى بەك سېغىنغانىدۇق، لېكىن كەنت ئاھالىلىرى بىزگە ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلغاچقا، ناھايىتى تېزلا ياتسىراش تۇيغۇسىدىن قۇتۇلدۇق.» تيەن تيەن مۇنداق دېدى: بەزىدە كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە بىر چۈشتىن بۇرۇن ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىمىز، ياتاققا قايتقىنىمىزدا يانچۇقلىرىمىز كەنت ئاھالىلىرى سوۋغا قىلغان ياڭاق ۋە ئۈجمىلەرگە توشۇپ كېتىدۇ.

ھازىر، تيەن تيەن ۋە ساۋاقداشلىرى يار بېشى كەنتىگە سىڭىشىپ، ئۆزىنى «كەنت ئاھالىسى» ھېسابلايدىغان بولدى. ئۇلار دەم ئېلىپ ئۆيلىرىگە قايتقان بىر ھەپتە ۋاقىتتىمۇ، كەنتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ ناھايىتى چوڭلۇقىنى ھېس قىلاتتى. 2019 - يىلى، يار بېشى كەنتى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 492 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ساۋاقداشلار كەنتتە قېلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى. ھەر كۈنى تاڭ يورۇماستىنلا، ئۇلار بىر كۈنلۈك خىزمەتنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى، يەنە بىرلىكتە لوزۇنكا تارتتى، قوش تىللىق تەشۋىقات ۋەرەقىسى ياسىدى، «يۇقۇم كىچىك لابا»سىنى لېنتىغا ئالدى.

«گەرچە پەقەت پىراكتىكا بولسىمۇ، لېكىن بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە بىز يار بېشى كەنتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش خىزمىتىگە قاتنىشالىغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق، بۇ كەچۈرمىش ماڭا ئىنتايىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى» دېدى تيەن تيەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى