تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇلالىق ئۈرۈمچى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، «گۈزەل شىنجاڭنى ساياھەت قىلىپ، كوئېنلۇندا ئۇچرىشىش» − تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا «زۇڭزا» مېھرى باش تېمىسىدىكى جۇلالىق ئۈرۈمچى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى باشلاندى، بۇ، بۇ يىللىق ئۈرۈمچى مەدەنىيەت - ساياھەت پەسلى پائالىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇلالىق ئۈرۈمچى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى پائالىيىتى كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش تېمىسىدىكى ھەقىقىي مەنزىرىلىك دىراما ۋە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، تىيانشان چوڭ جىلغىسى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى قار - مۇز كىچىك بازىرى قاتارلىق كۆپلىگەن مەنزىرە رايونلىرىدىكى دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى خاس پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ساياھەت بايرىمىغا تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، ساياھەت دارېنلىرى، توردا ئالقىشلانغانلار قاتارلىقلار ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ھەم ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى خاس پائالىيەتلەرنى سۈرەتكە ئېلىشقا تەكلىپ قىلىنىدىكەن، ھەم كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق دوۋيىن، كۇەيشوۋ، مىكرو بىلوگ قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تونۇشتۇرۇپ تەشۋىق قىلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدىكەن.

شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى(مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) يەنە ئۈرۈمچىدە دۇەنۋۇ بايرىمىدىن يازلىق تەتىل مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى 35 تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنى ئېلان قىلدى.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى(مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) نەق مەيداندا ساياھەت ئىستېمال بېلىتىدىن 3000نى تارقاتتى، شۇ كۈنى توردا تارقىتىلغان ۋە نەق مەيداندا تارقىتىلغان ساياھەت ئىستېمال بېلىتى 10 مىڭغا يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى