تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ئورتاق ھۇزۇرلىنىش رەڭدار كاتتا بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 180 نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ئورتاق ھۇزۇرلىنىش رەڭدار كاتتا بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: زۇڭزا تۈگۈش، ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، «جۇدالىق زارى»نى دېكلاماتسىيە قىلىش... دۇەنۋۇ مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 180 نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ھۇزۇرلىنىپ، رەڭدار كاتتا بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى.

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەتىگەندىلا، بىڭتۇەن 12 - شىسى تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى خۇاتيەن لىنخەي مەنزىرە رايونى قىزىپ كەتتى، خىزمەتچى خادىملار ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ، ۋەتەنپەرۋەر شائىر چۈ يۈەننى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. «دۇەنۋۇ مەزگىلىدە، بىز خۇاتيەن لىنخەي <زۇڭزا> رىشتى جيانيەنخۇا پائالىيەتلىرى، يەنى ۋەتەنپەرۋەر شائىر چۈ يۈەننى خاتىرىلەش مۇراسىمى، زۇڭزا تۈگۈش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى بېيىتتۇق» دېدى شىنجاڭ لۈگۇ شۈيئەن تيەنيۈەن ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ تاۋ تونۇشتۇرۇپ.

زۇڭزا تۈگۈش مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى، زۇڭزا تۈگىدىغان يوپۇرماقنى يۆگەش، نومى گۈرۈچى سېلىش، چىلان سېلىش، يىپ يۆگەش... مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ناھايىتى چاققانلىق بىلەن قىرلىق زۇڭزىلارنى تۈگۈپ چىقتى. ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى فېي جۈەن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى بىر گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئالتە ئادەم ئون مىنۇتتا 48 زۇڭزا تۈگۈپ، مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش بېلىتىگە ئېرىشتى. «زۇڭزا تۈگۈش ئارقىلىق بالىلار ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. دۇەنۋۇ مىللىي ئۆرپ - ئادىتىنىمۇ چۈشەندى، بۇ پائالىيەت ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى» دېدى فېي جۈەن.

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىمۇ ئوخشاشلا قويۇق بايرام كەيپىياتىغا تولدى، 1000 كىشى بىرلىكتە «جۇدالىق زارى» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، «سىياھ پۇرىقى يەر - جاھاننى قاپلىدى، ھۆسنخەت، رەسىملەر بىلەن بەخت تىلەندى» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، «جۇدالىق زارى شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش چۈ يۇەننىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ياد ئېتىش» باش تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

ۋاقىتقا بۆلۈپ ئالدىن كېلىشىش، چەكلىك ساندا ئېچىۋېتىش، مەنزىرە رايونىنىڭ ئېقىم مىقدارىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كىشىلەرنىڭ توپلىشىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش... دۇەنۋۇ مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتتى.

شۇ كۈنى، قاناس مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى، جېمىنەي يايلىقى تاش شەھەر مەنزىرە رايونىمۇ مول مەزمۇنلۇق رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، «دۇەنۋۇدا زۇڭزىدىن بەھرىمەن بولۇش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ سەپەرداش بولۇش» قاناس يۈەنشىڭ تورى ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى، «دۇەنۋۇدا ساياھەتكە چىقىش» قاناس يۈەنشىڭ توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى مەخسۇس مەيدان قاتارلىقلاردىن ساياھەتچىلەر مېھرىنى ئۈزەلمىدى.

نارات مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇەنۋۇ بايرىمى . نارات يايلىقىدىكى يۇلتۇزلۇق دالىدا قونۇش يىغىلىشى يۇلتۇزلۇق دالىدا قونۇش، گۈلخان مۇزىكا كېچىلىكى، بوشلۇقتىكى يايلاقتا كۈن چىقىشنى كۆرۈش، مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى ھېس قىلىش، تيەنشېنتەيگە پىيادە چىقىش، تاش رەسىم ياساش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. «بۇ قېتىم دەل دۇەنۋۇ بايرىمىغا ئۈلگۈرۈپتىمىز، تۇنجى قېتىم ئۆيدىكىلەر بىلەن دالىدا قوندۇق، يەنە مۇزىكا ئەترىتى ئورۇنلىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىدۇق، بەك پۇخادىن چىقتىم» دېدى غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى جوۋ يۈتىڭ.

«كىچىك ماھىرلارنىڭ زۇڭزا تۈگۈش مۇسابىقىسى، بىنەم يەردە ئەجدىھا قولۋاق ھەيدەش مۇسابىقىسىدىن باشقا، بىز يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇنى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدۇق. بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇردۇق، بايرامغىمۇ خۇشال كەيپىيات قوشتۇق» دېدى ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى پېڭ جىڭ تونۇشتۇرۇپ.

جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ كەنت - مەھەللىلەرنى سەيلە قىلىش، دۇەنۋۇدا تىلەك تىلەش، قىزىقارلىق چوكا تاشلاش ئويۇنى، يەنە سۇ چېچىش جېڭى، سۇغا چۈشۈپ بېلىق تۇتۇش، «كاۋاپ+گۈلخان+يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدىكى چېدىر» قاتارلىق ساياھەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى ئادەملەر بىلەن تولۇپ، ئىنتايىن قىزىپ كەتتى.

توقسۇ ناھىيەسىدىكى قۇملۇق خۇاخەي مەنزىرە رايونىدا ئۇزۇنلۇقى 160 مېتىر، كەڭلىكى يەتتە مېتىر كېلىدىغان «ھەسەن - ھۈسەن تېيىلىش يولى» ھەمدە «توردا ئالقىشلانغان كۆۋرۈك» ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. «بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەر ياقتۇرىدىغان توردا ئالقىشلانغان تۈرلەر، ھەم قىزىقارلىق، ھەم بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ، بىز ياشلارنىڭ ئوينىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن» دېدى توقسۇ ناھىيەسىدىن كەلگەن ساياھەتچى نيۇ لى خۇشال ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى