تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەت تۈسىگە تولغان دۇەنۋۇ ھىدى يىراقلارغا تارالدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جيا چۇنشيا

كىتاب ئوقۇش، دۆلەت ئۆرپ - ئادىتىدىن ھۇزۇرلىنىش، زۇڭزا تۈگۈش... دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى، ھەرقايسى مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرى توردا ۋە تور سىرتىدا مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەرگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تولۇق ھېس قىلدۇردى.

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق شىمالىي يولىغا جايلاشقان شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىگە كىرىپ، ھەربىر قەۋەتتە نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ كىتاب جازىسى ئالدىدا كىتاب تاللاۋاتقانلىقىنى كۆردى. 2 - قەۋەتتىكى كىتاب ئوقۇش رايونىدا، 20 نەچچە ئورۇن توشۇپ بولغان بولۇپ، ئون ياشلىق لياۋ زىيى كارتون چاتما رەسىم «ئۇرۇش سېپىنى كېسىپ ئۆتۈش»نى كۆرۈۋاتاتتى، قىزىقارلىق يەرگە كەلگەندە ئىختىيارسىز بوش ئاۋازدا كۈلۈپ قوياتتى. لياۋ زىيىنىڭ ئاپىسى گۇەن يەنيۈ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بالام كىتاب كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ كىتاب شەھەرچىسىگە كېلىپ كىتاب كۆرۈپ، بۇ يەردە بىر مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزدۇق».

3 - قەۋەتتىكى كىچىك ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇقى كىتاب جازىسى ئالدىدا، 31 ياشلىق سۇڭ شياۋنيۇ بىر پارچە سىزما رەسىملىك كىتابنى ئېلىپ، يەردە ئولتۇرغان بەش ياشلىق قىزىغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ يېنىدىكى مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىغا قىزى ئۈچۈن تاللاپ سېتىۋالغان ئون نەچچە پارچە كىتاب سېلىنغانىدى. «بۇ قېتىمقى دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەن بالامنى كۈندە كىتاب شەھەرچىسىگە ئېلىپ كېلىپ، بالامدا ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، كىتاب ھىدىغا تولغان دۇەنۋۇ ئۆتكۈزمەكچىمەن» دېدى سۇڭ شياۋنيۇ.

«زېھنى ئۆتكۈر ئاقىللارغا ئەيلىدىم چەكسىز ھەۋەس، شۇ سەۋەبتىن ئىنتىزارلىق ئورنىدى دىلغا پەۋەس» چوڭقۇر ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە ئاۋازىغا ئەگىشىپ، سەھنىنىڭ بىر تەرىپىدىن خەنفۇ كىيگەن بىر قىز مېڭىپ كەلدى. 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) شېڭدا مەيدانى 77 - كوچا رايونىدا «دۇەنۋۇ دۆلەت ئۆرپ - ئادىتىدىن كاتتا ھۇزۇرلىنىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، خەنفۇ كىيىش، شېئىر ئوقۇش، كوتو چېلىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر تاماشىبىنلارغا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. «دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە خەنفۇ كىيىپ تاماشىبىنلارغا كوتو چېلىپ بېرەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئەمدىلا كوتو چېلىپ بولغان ساۋ يۈن.

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى تىياتىرخانىسىدا بىر مەيدان ئۆزگىچە دۇەنۋۇ مىللىي ئۆرپ - ئادەت لېكسىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاممىغا دۇەنۋۇ مىللىي ئۆرپ - ئادەت بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلدى.

دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت ئىدارىسى «يېڭى دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» قىزىل ئەدەبىيات - سەنئەت ئارتىسلىرى سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ناخشا - ئۇسسۇل، شياڭشېڭ، سېرك... ئارتىسلار ھەرقايسى مەھەللىلەرگە كىرىپ، ئاممىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

تور سىرتىدىكى پائالىيەتتىن باشقا، شەكلى ھەر خىل توردىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا بۇلۇت ئۈستىدىكى دۇەنۋۇنىڭ ھىدىنى ھېس قىلدۇردى.

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى بىرلىكتە تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان «2020 - يىل ئاپتونوم رايوننىڭ سەھنە سەنئىتى نادىر نومۇرلىرى تور كۆرگەزمە - ئويۇن پەسلى» باشلاندى. بۇ شىنجاڭنىڭ تۇنجى قېتىملىق تور شەكلىدە قانات يايدۇرغان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلارغا يۈزلەنگەن كۆرگەزمە - ئويۇن پەسلى پائالىيىتىدۇر. مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، بالىلار تىياتىرى «يولۋاس بىلەن ئېيىقنىڭ ھېكايىسى»، سېرك كېچىلىكى «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى بىز»، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «چۆل - باياۋاندىكى ياشلىق» قاتارلىق ئون مۇنەۋۋەر نادىر نومۇر ھەر مىللەت ئاممىنى توردىكى مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتىدىن ھۇزۇرلاندۇردى.

دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى «بىزنىڭ دۇەنۋۇ بايرىمىمىز» ناملىق قىسقا سىن يىغىش مۇسابىقىسى ھەم باش تېمىلىق فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانا دۇەنۋۇ مىللىي ئۆرپ - ئادەت ئۆزئارا ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، دۇەنۋۇ مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى