تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

زۇڭزا يوپۇرمىقىدىن خۇش ھىد تارالغان كۈنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتىنىڭ دەل پەيتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ كەندۇڭ

«ئۈستىقۇددۇسنىڭ خۇش ھىدى كىشىنى مەستخۇش قىلىدىكەن، مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئۇنتۇيالمايمەن.» 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئىپارخان ئۈستىقۇددۇس ساياھەت باغچىسىغا كەلگەن ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى پاتىگۈل خېيزىر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز پېنسىيەگە چىقتۇق، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ ئويناپ كەلمەكچى بولۇۋاتىمىز. بۈگۈن ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز دۇەنۋۇ بايرىمى بولدى».

يول بويىدا مەنزىرىسى گۈزەل چەكسىز يايلاق، ئاسمان - پەلەك قارلىق تاغ شەمشادلىرى، داڭلىق 100 مېتىرلىق قاردىن مۇداپىئەلىنىش كارىدورى بار، بۇ تاشيولدا ئاپتوموبىللىق ماڭسىڭىز، يول بويىدا كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل مەنزىرىلەر بار، يەنە مۇز بىلەن ئوتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالايسىز. دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قاتناش ئەسلىگە كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان مايتاغ - كۇچا تاشيولى ئېنىقكى، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىزىيدىغان ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى لىنىيەسىدۇر.

پاتىگۈلنىڭ قاتناشقىنى «سانجىدىن يولغا چىقىپ، رىياسەتچىگە ئەگىشىپ مايتاي - كۇچا تاشيولىنى ساياھەت قىلىسىز» ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى پائالىيىتى. ئۇلار 40 نەچچە ئاپتوموبىللىق كىشى بولۇپ، 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سانجى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسىدىن يولغا چىقتى، ئۈرۈمچى، سانجى، قەشقەر، ئاتۇشتىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچى سانجى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسى، ماناس ناھىيەسىدىكى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنى ساياھەت قىلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ھەيدەپ جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول − مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى بويلاپ مېڭىپ، چۇئېرما قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، نارات مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلدى. زۇڭزىنىڭ خۇش ھىدى تارالغان چاغدا، يەنە پۈتۈن باغچىنى قاپلىغان ئۈستىقۇددۇسنىڭ خۇش ھىدىنى پۇرىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسىنى تۈگىتىشكە جەمئىي تۆت كۈن كېتىدىكەن. كېيىنكى سەپەردە، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىۋاتقانلار يەنە قازانچى مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنتى، كۈرە قەدىمىي شەھىرى، قورغاس، سايرام كۆلى، قۇتۇبى شىنتيەندى قاتارلىق مەنزىرە رايون(نۇقتا)لارغا بارىدىكەن.

شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەدەنىيەت - ساياھەت پىروگراممىسى مەركىزىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ئۆمەر روزى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «بۇ جاي ئەڭ جەلپكار» پىروگرامما گۇرۇپپىسى پۈتۈن جەرياننى ئەگىشىپ سۈرەتكە ئېلىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، توردا ساياھەتكە يېتەكلەش شەكلى ئارقىلىق، يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرە، قىزىقارلىق ئىشلاردىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى تەڭ بەھرىلەندۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى جايلارنىڭ ساياھەت بايلىقىنى پۈتۈن تاراتقۇلۇق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى لىنىيەلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى بازىرىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولىمىز.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار زات مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلار بىلەن بولغان ساياھەت يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سانجى ئوبلاستى، مايتاغ، ئىلى، بورتالا قاتارلىق جايلارنى ئاساس قىلغان تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ساياھەت يېڭى ئايلانما لىنىيەسىنى كېڭەيتىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست ھالقىغان لىنىيە مەھسۇلاتلىرىنى ماسلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىمىز.

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى 30دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل، 120دىن ئارتۇق ئادەمدىن تەشكىللەنگەن «2020 مايتاغ - كۇچا تاشيولى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى 1 - ئۆمىكى، ئىلى توققۇزتارانى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ چوڭقۇر ساياھەت قىلىش» ئاپتوموبىل ئەترىتىمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن يولغا چىقىپ مايتاغ - كۇچا تاشيولىدىن ئۆتۈپ، توققۇزتارا ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە 13 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ياۋا ياڭاقلىق جىلغىسى مەنزىرە رايونى ۋە چۇرۇق مەنزىرە رايونىغا كەلدى. يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايتتى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدىكى ياغاچ ئاسما يولنى بويلاپ سەيلە قىلىپ ماڭدى، يول بويى توختىماي سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

شۇ كۈنى كەچتە، گۈلخان توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىدا لاۋۇلداپ ياندى، كۆپچىلىك گۈلخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بىرلىكتە گۈزەل ھەم ئۇنتۇلغۇسىز دۇەنۋۇ كېچىسىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە ئەتىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، قىز قۇۋار قاتارلىق مىللىي ئۆرپ - ئادەت پائالىيەتلىرىگە ئىنتىزار بولدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، «ئالتاي مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى»دە 40 ئاپتوموبىل بىلەن 100گە يېقىن ساياھەتچىمۇ دۇەنۋۇ بايرىمى كۈنى يەتتە كۈنلۈك ئالتاي مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى «زۇڭزا» رىشتىسى سەپىرىنى باشلىغان؛ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا «ئۆي ئاپتوموبىلدىكى شىنجاڭ» جۇڭلۇليەن ئۆتىڭى ساياھەت لىنىيەسى بىلەن تونۇشۇش سەپىرى، مايتاغ چوڭ جىلغىسى ساياھەت لىنىيەسى بىلەن تونۇشۇش سەپىرى پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن.

دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، «شىنجاڭنى سۆيۈش. يۇرتنى ساياھەت قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئالاھىدە ساياھەتنى ھېس قىلىش پائالىيىتىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، «شىنجاڭلىقلارنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشى»نى ئالغا سىلجىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى