تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ كېچىسى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيۇڭ سۇڭرۇ، سۈن شاۋشيۇڭ

ئاي ئاسماندا ئېسىلىپ تۇراتتى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا «كېچىدە چىتلاقلاردا تۈمەنلىگەن پانۇسلار يورۇپ تۇراتتى»، ئىلگىرى قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن تىمتاسلىققا چۆمۈپ كېتىدىغان يېزا - كەنتلەر بۈگۈنكى كۈندە قاينام - تاشقىنلىققا تولدى. بۇنداق ئۆزگىرىش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا سىجىل تۈردە كۆپ تۈرلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلغانلىقىدىن بولدى.

قۇملۇقنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئودانلىق بازىرى بويلا كەنتىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان مەدەنىيەت مەيدانىنى يول چىراغلىرى يورۇتۇۋەتكەنىدى، بالىلار چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىدە ئويناۋاتاتتى، چوڭلار بىر چەتتە كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى. شىمال تەرىپىدە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە سېلىنغان بىر قاتار «ئون كىچىك دۇكان» بولۇپ، دۇكانلار رەتلىك، پاكىز ئىدى، تاماقلارنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى، ھەر خىل مەززىلىك تائاملار بىر كۈن ئالدىراش يۈرگەن كەنت ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلاتتى. دۇكان ئالدىدا، يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان چىراغ لېنتىسىغا شوخ مۇزىكا قوشۇلۇپ، يېزا - كەنت كېچىسىنى ناھايىتى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈرگەنىدى.

بازاردىكى مۇشېڭيۈەن بىيوماسسا يېقىلغۇ شىركىتىنىڭ سېخىدىكى چىراغلار يوپيورۇق بولۇپ، تېخنىك خادىملار كېچىلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ، رېمونت قىلىپ ئاسراۋاتاتتى. بۇ كارخانا شۇ جايدىكى مول شاخ - شۇمبىلار، كېۋەز غولى، دەرەخ شېخى، تاشلاندۇق ياغاچ ماتېرىياللىرىنى بىيوماسسا دانچە پاكىز يېقىلغۇ قىلىپ پىششىقلاپ، ئاساسلىقى شىزاڭغا ساتىدۇ، بۇلتۇرقى سېتىش كىرىمى 18 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 120دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

بويلا كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى ليۇ خۇڭجيەن مۇنداق دېدى: يەرلىك كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈپ تەدبىرى قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا يېزا - كەنتلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بەرپا قىلدى، «ھازىر كۈچەيدىغان پەيت، بىزنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز بار».

يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىشقۇل يېزىسى قوتاندۆڭ كەنتىنىڭ كېچىسىمۇ ئوخشاشلا «قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن» ئىدى. 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، كەنت كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرى كەچلىك مەكتىپىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار يۇرتداشلارغا بۇ يىل نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، نامرات كەنتلەرنىڭ چېكىنىپ چىقىش تەرتىپى ۋە گۈزەل يېزا - كەنت، ھويلا - ئاران قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. كەنت ئاھالىسى ياسىن ياقۇپ مۇنداق دېدى: مەن 2019 - يىلىدىن بۇيان نامرات ئائىلىلەر بەھرىمەن بولىدىغان نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تۈرى ھەمدە كەنت ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، «زېھنى ئوچۇق ئادەم»گە ئايلاندىم.

ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ئىشقۇل يېزىلىق شىپاخانىدا، ئۆلچەملەشكەن تەكشۈرۈش ئۆيى، دورىخانىنىڭ مۇھىتى رەتلىك، پاكىز بولۇپ، تۈرلۈك داۋالاش - دىياگنوز قويۇش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق ئىدى. كەنت دوختۇرى ئابدۇرېيىم داۋۇت كەچلىك تاماقنى يەپ بولغان ئىككى بوۋاينىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچەۋاتاتتى، بوۋايلارنىڭ قان بېسىمىنىڭ نورماللىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا يېمەك - ئىچمەككە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى. بۇ شىپاخانا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ 100 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى، ناھىيە دەرىجىلىك بىرىكتۈرۈلگەن 40 مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان، يۇرتداشلار كۈندىلىك تەكشۈرۈش، دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىغا بارمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. تېببىي خادىملار يەنە ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەلىپى بويىچە، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىق تەربىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلە دوختۇرلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش كارتىسىنى ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئاھالىگە تارقىتىپ بەردى.

قوتاندۆڭ كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى رېن يۇڭجېڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن كەنت ئەڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتا، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىشنى يولغا قويدى، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمى بويىچە ئاجىز تۈرلەر، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاساسىي داۋالاش، مەجبۇرىيەت مائارىپى، بىخەتەر تۇرالغۇ، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ، «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش، يەتتە بولۇش» ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئاممىنىڭ ئۆيىگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى، ئاممىنىڭ قەلبىگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى.

پات ئارىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش غەلىبىسىنى كۈتۈۋالىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا، نۇرغۇن يېزا - كەنتلەر بۇ يەرگە ئوخشاش كېچىدىمۇ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچكە، تولۇپ تاشقان بەختكە تولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى