تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن گوللاندىيە پادىشاھى ۋىللىئام − ئالىكساندىر ۋە خانىش ماكسىما بىلەن گوللاندىيەدە ۋاقتىنچە تۇرۇۋاتقان مۈشۈكئېيىقنىڭ تۇغقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى بۇ يىل 5 - ئايدا، گوللاندىيەدە ۋاقتىنچە تۇرۇۋاتقان مۈشۈكئېيىق «ۋۇۋېن» تۇغدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن گوللاندىيە پادىشاھى ۋىللىئام − ئالىكساندىر ۋە خانىش ماكسىما بىلەن ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۈشۈكئېيىق بالىسى جۇڭگو - گوللاندىيە دوستلۇقىنىڭ گۈزەل جەۋھىرى، ئىككى تەرەپنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ھەمكارلىقىغا كۈچ چىقارغانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو - گوللاندىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئۆزئارا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان دوستلۇق داستانىنى پۈتتى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، گوللاندىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىككى تەرەپ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ۋىللىئام − ئالىكساندىر ۋە ماكسىما تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۈشۈكئېيىق بالىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى بىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى، يېڭى ھاياتلىق گوللاندىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى نەتىجىسىنىڭ موللۇقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، يەر شارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ تۆھپە قوشتى. گوللاندىيە تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر پەقەت ئىتتىپاقلاشقان، ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن بۇ مەيدان يەر شارىۋى كىرىزىسنى يېڭەلەيدۇ. گوللاندىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم، گوللاندىيە تەرەپ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ نورمال ئالاقىلىشىشىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.