تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ 8- قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى    ۋاڭ جۈنجېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ 8 - قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، لى يىفېي يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. تەبرىك خېتىدە مۇنۇلار دېيىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىدە تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان، تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى تەشكىلاتى قۇرۇپ، كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئاتلىنىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن يىغىندا سۆز قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك قانۇنشۇناسلىق جەمئىيەتلىرى كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتى، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى، قانۇنشۇناسلىق بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش، قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە شانلىق سەھىپە پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنشۇناسلىق ساھەسى، قانۇن ساھەسى ھەم جەمئىيەتتىكى باشقا ساھەلەر بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە خىزمەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ قانۇن بويىچە، نىزامنامە بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى 7 - نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، روزى ئىسمايىل يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، باھارگۈل سەمەت، لى يۇڭجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى 8 - قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.