تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 2000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا، پىراكتىكانت ئارۇق ئامانباينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، 2020 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» بويىچە قوبۇل قىلىش 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى باشلىنىدىكەن، قوبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانى 2000 ئىكەن.

بۇ يىل «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» بويىچە قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر (ئوقۇش پۈتكۈزگىنىگە ئۈچ يىل بولغان ئىلگىرىكى يىللاردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، 2020 - يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر نۇقتىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ. مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر تور ۋە تور سىرتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل يول ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ: «شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى» (www.xjggjy.com)غا چىقىپ ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرسا بولىدۇ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا بېرىپ نەق مەيداندا ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرسىمۇ بولىدۇ. تىزىملىتىش ۋاقتى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە بولىدۇ.

قوبۇل قىلىش خىزمىتى باسقۇچقا بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ، 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش باسقۇچى؛ 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە يېزىقچە ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھان باسقۇچى؛ 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنىگىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش، تەربىيەلەش باسقۇچى؛ 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقىشقا تەشكىللىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» بويىچە قوبۇل قىلىش پىلانىنى تەقسىملەشتە «ئۈچكە مايىللىشىش» يولغا قويۇلىدىكەن: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مايىللىشىپ، قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ %50ى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا چۈشۈرۈلىدىكەن؛ ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى ساھەسىگە مايىللىشىپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى ئاساسى ئاجىز رايونلارغا داۋالاشقا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى خادىملىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدىكەن؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە مايىللىشىپ، بۇ ئائىلىلەردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى