تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

6636 ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ئىش ئورنىنى تاللاشقا بولىدۇ

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر بۇ يەرگە قاراڭلار:

6636 ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ئىش ئورنىنى تاللاشقا بولىدۇ

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لى چۇنشيا، پىراكتىكانت ئارۇق ئامانباينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايون 2020 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 3000 ئوقۇغۇچىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسىغا قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن، ھەرقايسى جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى پائال رەتكە تۇرغۇزۇپ، رەتلەپ، 6636 پىراكتىكا ئىش ئورنىنى جەملەپ ئۇلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ پىراكتىكا ئىش ئورۇنلىرى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىغان بولۇپ، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئورگان، كەسپىي ئورۇن 2900، دۆلەت كارخانىسى 776، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانا 2960 ئىكەن.

پىراكتىكىغا قاتناشقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر پىراكتىكا مەزگىلىدە شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىكى تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە پىراكتىكا ئورۇنلىرى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %50ىدىن تۆۋەن بولمىغان ئىش ئورنى ياردەم پۇلى تارقىتىدۇ، ھەم كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىنى بېجىرىدۇ. پىراكتىكا مۇددىتى توشمايلا پىراكتىكا قىلىۋاتقان مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى بىلەن ئىككى يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەن ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغانلارغا قارىتا، ئېشىپ قالغان مۇددەتتىكى پىراكتىكا ياردەم تولۇقلىمىسىنى پىراكتىكا ئورنىغا تولۇقلاپ بېرىشكە بولىدۇ.

2020 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا بېرىپ پىراكتىكا قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى پىراكتىكا ئورۇنلىرىغا تەۋسىيە قىلىدۇ؛ شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تورى (www.xjggjy.com)، جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى (www.xjrc365.com)غا چىقىپ، مۇۋاپىق پىراكتىكا ئىش ئورنىنى ئىزدەپ، تاللاپ، پىراكتىكا ئورنى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلەشسىمۇ بولىدۇ؛ يەنە ئاپتونوم رايون ھەم ھەرقايسى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، پىراكتىكا سىياسىتى ۋە ئىش ئورنىنى ئېلان قىلىش ئەھۋالىدىن مەسلىھەت سورىسىمۇ ھەم پىراكتىكا قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى