تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

زەھەر چەكلەش فاڭجېنىنى قاتتىق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىپ زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شى جىنپىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

زەھەر چەكلەش فاڭجېنىنى قاتتىق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىپ زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مەملىكەت بويىچە زەھەر چەكلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى زەھەر چەكلەش سېپىدىكى يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، چېگرا ئىچى ۋە چېگرا سىرتىدىكى زەھەر مەسىلىسى، ئەنئەنىۋى ۋە يېڭى تىپتىكى زەھەر خەۋپى، تور ۋە تور سىرتىدىكى زەھەر جىنايىتى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلدى، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى جەزمەن ئىلگىرىكىدەكلا، قەتئىي، ئۈزۈل - كېسىل چوڭقۇر داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتكە، مىللەتكە، خەلققە، تارىخقا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، زەھەر چەكلەش فاڭجېنىنى قاتتىق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىپ، زەھەر تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زەھەر چەكلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاۋ كېجى يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا، 2015 - يىلىدىن بۇيان زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان 100 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە 100 ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى. يۈننەن ئۆلكىسى لىنساڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى، شېنجېن تاموژنىسى ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش ئىدارىسى رازۋېدكا 2 - باشقارمىسى، يۈننەن چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى پۇئېر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ لەنساڭ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق قان مەركىزى قان كاپالىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تاۋ يىڭچۇن، جياڭشى ئۆلكىسى پىڭشياڭ شەھەرلىك زەھەر چەكلەش پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى دۇەن خۇاشېڭ قاتارلىق ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.