تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ چىمىڭ خەۋىرى، فوتوسى) 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان رايونىنىڭ «تىيانشاندا ئۇسسۇل ئويناش مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» مەيدان ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئۇسسۇلى 3-دەرىجىلىك ئاممىۋى تەنتەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى تىيانشان رايونى مېيىپلەر بىرلەشمىسىدە باشلاندى.
تىيانشان رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 50كە يېقىن تايانچ خادىم ئۈچ كۈنلۈك تەربىيەلەشكە قاتناشتى. تەربىيەلەشتە سىياسەت ۋە ئىلمىي چېنىقىش توغرىسىدىكى نەزەرىيەۋى بىلىملەر چۈشەندۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، شىنجاڭ گىمناستىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى خەن بو كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.
«بۇ كۇرسانتلار سىناقتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە ئادەمنى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈي جيەن شۇنداق دېدى.
كۆپ يىللىق تەربىيەلەش نەتىجىسىدە، ھازىر تىيانشان رايونىدا 2100دىن ئارتۇق 3-دەرىجىلىك ئاممىۋى تەنتەربىيە يېتەكچىسى بار بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.