تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

شىنجاڭنىڭ قېتىق قۇيۇلغان تاڭزۇڭزىسى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا، دوۋ شىڭجۈن، سۈن يۈەنيۈەن خەۋەر قىلىدۇ): «بازار» ئېلىم-سېتىم قىلىنىدىغان جاي، بۇ كۈنى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرىدا يەنە بىر بازار كۈنى بولدى، ئەتراپتىكى نەچچە ئون چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئامما بەس-بەستە بازارغا كېلىشتى. نازۇنېمەتلىرى كۆپ بۇ يىغىلىش-تارقىلىش ئورنىدا، قېتىق قۇيۇلغان تاڭزۇڭزا يەرلىك ئاھالىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان نازۇنېمەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.

تاڭزۇڭزا يوپۇرمىقى ئېچىلىپ، تاڭزۇڭزا ئېتى ياغاچ قوشۇقتا بېسىپ ياپىلاقلىنىپ، ئۈستىگە قويۇق قېتىق، ھەسەل ياكى شېكەر قىيامى قويۇلۇپ... بۇ ئىككى-ئۈچ باسقۇچ بىلەنلا، بىر قاچا چۈچۈمەل، تاتلىق، يېيىشلىك قېتىق قۇيۇلغان تاڭزۇڭزا تەييار بولىدۇ. قۇياشنىڭ ئاستا-ئاستا پېتىشىغا ئەگىشىپ، كۈندۈزى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30قا يېتىدىغان بۇ كىچىك بازارنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بارا-بارا راھەتبەخش بولۇپ قالىدۇ، بازاردا نازۇنېمەتلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان مېھمانلارمۇ كۆپىيىشكە باشلايدۇ.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى خوتەندىن نومى گۈرۈچى چىقمايدۇ، ئەمما نومى گۈرۈچى تاڭزۇڭزىسىنى يەرلىك ئاھالىلەر ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. تاڭزۇڭزا ئېتىگە شەرقىي شىمالنىڭ نومى گۈرۈچى، تاڭزۇڭزا يوپۇرمىقىغا شۇ جايدىكى قومۇش يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭغا يەنە نەچچە تال خوتەن چىلىنى قوشۇلۇپ، سۇس ئوتتا نەچچە سائەت قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ، تاڭزۇڭزا يوپۇرمىقىغا ئورالغان نومى گۈرۈچىنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا گۈپۈلدەپ تارىلىپ تۇرىدۇ.

قېتىق قۇيۇلغان تاڭزۇڭزىدىكى قېتىقمۇ قولدا ئۇيۇتۇلغان بولۇپ، قويۇقراق بولىدۇ، ئۇيۇتۇش جەريانىدا ئازراقلا شېكەر قوشۇلغانلىقتىن، تەمى چۈچۈمەلرەك بولىدۇ، ھەسەل، شېكەر قىيامىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقى قارىماققىلا بىلىنىپ تۇرىدۇ.

  ئاددىي خام ماتېرىياللار قېتىق قۇيۇلغان زۇڭزىنىڭ چۈچۈمەل، تاتلىق، يېيىشلىك ئۆزگىچە تەمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

 دۇەنۋۇدا تاڭزۇڭزا يېيىش دۇەنۋۇ بايرىمدىكى ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت، ئەمما جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇ كىچىك بازاردا دۇەنۋۇدىلا ئەمەس، تاڭزۇڭزا ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك نازۇنېمەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى. قىشتىن باشقا، بىر يىلدىكى كۆپ قىسىم ۋاقىتتا بازاردا نەگىلا قارىسىڭىز قېتىق قۇيۇلغان تاڭزۇڭزا سېتىش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن ئۇششاق تىجارەتچىلەر ۋە ئاغزىدىن شىرنە ئېقىپ تۇرغان مېھمانلارنى تۈن پەردىسى يېيىلىپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭلار بېسىققىچە كۆرگىلى بولىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى