تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى ئالقىشقا ئېرىشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى (دىڭ جيەنگاڭ، خې يۈ خەۋىرى): ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، قۇربان تاغا ئېشەككە مىنىپ، كېرىيە ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى يوقلاش ئىرادىسىگە كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۇنىڭ يۇرتىغا كېلىپ، بۇ ئەسلىمىنى ئەسلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتىنى ھېس قىلماقتا.

باش ياز پەسلىدە ئاق تېرەك بىلەن قاپلانغان يېزا - كەنت تاشيولىنى بويلاپ، مۇخبىرلار قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان قۇربان تاغىنىڭ يۇرتى − كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىگە كەلدى. كېڭەيتىپ ياسالغاندىن كېيىنكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، ئاپتوموبىل ۋە موتوسىكلىتلار رەتلىك توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

خاتىرە سارىيى 2003 - يىلى سېلىنغان، يېقىنقى يىللاردا كۆپ قېتىم كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن قايتىدىن ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ساراي ئىچىگە قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەر، مۇھىم ھۆججەتلەر ۋە ماددىي بۇيۇملار تىزىلغاندىن سىرت، يەنە ئۈن - سىن ئۆيى تەسىس قىلىنىپ، قاپارتما نەقىش، مەخسۇس فىلىم ئىشلىنىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى دەپ نام بېرىلدى.

ساراي ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، كونا سۈرەت، كونا بۇيۇملارنى كۆرگەندە يىراقتىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەر پات - پات ھەيرانلىقىنى ئىپادىلىشەتتى. قۇربان تاغىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ نامراتلىق ئىچىدە ياشاپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى بىلىپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىن كەلگەن كادىر سۇلتان ماناپقان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردە، بىز پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشتىن مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك».

خاتىرە سارىيى دەرۋازىسىنىڭ سول تەرىپىدە، رېمونت قىلىنغاندىن كېيىنكى قۇربان تۇلۇمنىڭ كونا تۇرالغۇسىمۇ ئوخشاشلا ئادەملەر بىلەن تولغانىدى. بوران - چاپقۇننى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ كېسەك ئۆي بوۋاينىڭ ئەينى چاغدىكى تۇرمۇشىنىڭ ئەسلىي ھالىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاشخانا، ياتاق ئۆي، قازناق قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقانىدى، بۇ ئۆيلەرگە ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن كىرسىن چىراغ، ياغاچ تاۋاق، تەڭنە قاتارلىقلار تىزىلغانىدى. بۈگۈنگە قەدەر، قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىپ سالغان ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، شۇنداقلا «كالىغا تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىش» «ئېشەك ھارۋىسىدا سەپەر قىلىش»تەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شەكلى بىلەن ئۈزۈل - كېسىل خوشلاشتى.

كېرىيە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خاتىرە سارىيى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭغا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغىلى كەلگەن ناھايىتى كۆپ ساياھەتچى قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىنى «جەزمەن بارىدىغان» جاي قىلىپ ئالدىن تاللايدىغان بوپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، توغراغاز كەنتىمۇ ئۆزگىرىپ بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋاڭ بو مۇنداق دېدى: كەنتتە خاتىرە سارىيىنىڭ ئەتراپىغا مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى، مەيدان ھەيكەللىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، قىزىل ساياھەتنى تېخىمۇ ياخشى ئېچىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىلدى. ئىلگىرى ھەمىشە قۇم - بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان كەنت بۈگۈنكى كۈندە يېڭى تۈس ئالدى، تۈپتۈز كەنت يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرى رەتلىك، پاكىز بولۇپ، قىزىل ياغاچتىن ياسالغان ئۈزۈم بارىڭى تۇتاشتۇرۇلۇپ ئۇزۇن كارىدور ھاسىل قىلغانىدى، ئېلېكتىرونلۇق سودا تاللا بازىرى، ساياھەت دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىقلار بۇنىڭ ئىچىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

بۇلتۇر، توغراغاز كەنتى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. كەنتتە 1000 مودىن كۆپرەك يەردە ئۈزۈم، سەبدەرگۈل تېرىقچىلىق بازىسى قۇرۇلۇپ، 250 نەچچە ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق، يەنە 300 نەچچە ئائىلە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

بۇ يىل، توغراغاز كەنتى يەنە قىزىل ساياھەت كىچىك بازىرى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىچە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىدى. ۋاڭ بو مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادى بارغانسېرى چىڭىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى