تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): 6-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى نەنخۇ شىمالىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بىيۈەن مەھەللىسىدىكى كىچىك مەيداندا، ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ بىيۈەن مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، بىيۈەن مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتى بىرلىكتە «تاڭزۇڭزىنىڭ خۇش ھىدىنى ھەريان تارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرەيلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
ئەنئەنىۋى بايرام مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەنئەنىۋى بايرام دۇەنۋۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، نەنخۇ شىمالىي يولى بىيۈەن مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە تاڭزۇڭزا تۈگۈپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈيلەپ، ھەر خىل نومۇرلارنى ئورۇنداپ، مەززىلىك تاڭزۇڭزىغا ئېغىز تەگدى.
كۆپچىلىك يەنە پىشۇرۇپ تەييار قىلغان تاڭزۇڭزىلارنى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا، مەھەللىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان كىشىلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا بايراملىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر ئەنئەنىۋى مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىش، «دۇەنۋۇ بايرىمى» ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، دۇەنۋۇ بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى.