تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

تاتلىق قوغۇن «تاتلىق تۇرمۇش»قا ئېرىشتۈردى

    تىيانشان تورى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، 3-شى 51-تۇەن 19-ليەندىكى تېرىقچىلىق ئاھالىسى نۇرئەخمەت ئەخەتنىڭ قوغۇنلۇقىدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ى خاس تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى.

    نۇرئەخمەت ئەخەت ئىلگىرى ليەندۈيدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، بۇلتۇر 3-شى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى، شىخەنزە داشۆسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ى بىرلىكتە قوغۇننى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىش تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى بارغانسېرى ئاشۇردى، بۇنىڭ بىلەن نۇرئەخمەت ئەخەتتە قوغۇن تېرىش ئويى پەيدا بولدى.

    بۇ يىل نۇرئەخمەت ئەخەت «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلىشى بىلەن تۆت مو يەرگە قوغۇن تېرىغانىدى، ھازىر قوغۇنلارنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى بولدى. تېخىمۇ كۆپ تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكلەش ۋە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قوغۇن تېرىش تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى.

   نۇرئەخمەت ئەخەتنىڭ قوغۇنلۇقىدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، 3-شى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى خاۋ چۇەنيوۋ دېھقانلارغا پېلەكتە خەمەكنى تېز يېتىشتۈرۈش، قوغۇننى تەكشى ئۆستۈرۈش، قوغۇن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدىكى پەرۋىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى، سۇغىرىش، ئارتۇق پېلەكلەرنى كېسىۋېتىشتىن تارتىپ تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىشقىچە بولغان مەزمۇنلاردىن دېھقانلار نەپ ئالدى. نۇرئەخمەت ئەخەت تۆت مو يەردىن ئالتە توننا ھوسۇل ئېلىپ، 24 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلىدى.

    19-ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ يىل بۇ ليەندىكى 56 تېرىقچىلىق ئائىلىسى 380 مو يۇمشاق ئۇرۇقلۇق ئانارلىققا قوغۇن كىرىشتۈرۈپ تېرىدى. ليەندۈي يەنە تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆپچىلىككە ئالدىن سېتىش يولىنى تېپىپ بەردى.

   «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇستەھكەملەش سىياسىتىنىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، ليەندۈيدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىشقا يېتەكلىدۇق، بىز تېخنىكا جەھەتتە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلدۇق، جۈملىدىن سۇ ۋە ئوغۇت باشقۇرۇش، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇنى داۋالاش، شاخ-شۇمبىلارنى رەتلەش ۋە چاتاش ئارقىلىق قوغۇننىڭ تاۋارلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈردۇق، مۇشۇنداق قىلغاندا، قوغۇننى مۇددەتتىن بۇرۇن بازارغا سېلىپ، بىر تۇتاش ساتقىلى بولىدۇ» دېدى خاۋ چۇەنيوۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى