2020-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر كاتېرغا ئولتۇرۇپ، شىنجاڭ باغراش كۆلى ليەنخەي دۇنياسى مەنزىرە رايونىنى سەيلە قىلماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر نيەن لېي، نيۇ يۈمېڭ خەۋىرى، فوتوسى) ياز پەسلى كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى ليەنخەي دۇنياسى مەنزىرە رايونى ئەڭ ياخشى ساياھەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، كۆپكۆك ئاسمان، سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى، ياپيېشىل قومۇشلار ھۆسن تالاشتى، 10 مىڭ مولۇق ياتما نېلۇپەر خۇش پۇراق چېچىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ ماكانىنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.