تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى قەغىزىنى تەكشۈرۈش 6-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلىنىدۇ

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ ۋېي): 6-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2020-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلىنىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تەرتىپلىك بولغان.

   بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا جەمئىي 33 مىڭ 556 نەپەر ئوقۇغۇچى قاتناشتى، شەھەر بويىچە 127 ئىمتىھان نۇقتىسى، بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دا 28، تىيانشان رايونىدا 24، مىدۇڭ رايونىدا 21، سايباغ رايونىدا 17، شىمىگۇ رايونىدا 11، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دا ئالتە، داۋانچىڭ رايونىدا ئۈچ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە تۆت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 11-شىدا بەش، 12-شىدا سەككىز ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىندى.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇددەتتىن بۇرۇن ئىمتىھان ئىشلىرى بويىچە تەربىيەلەش يىغىنى ئېچىپ، ئەتراپلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ چىقتى. ئىمتىھان مەزگىلىدە، نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلار گىرەلىشىپ ئىمتىھانغا نازارەتچىلىك قىلدى، ئىمتىھان مەيدانى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان ئىستىلى ۋە ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭ تۇتتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىنى سەييارە تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن 13نى قۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىگە سەييارە يېتەكچىلىك قىلدى.

   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2020-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلىنىدۇ، ھەرقايسى رايونلۇق، ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىلىرى 200دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈشكە ئاجرىتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى قايتا كۆزىتىلىدىكەن، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى توردا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىكەن. 7-ئاينىڭ 11-كۈنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى نەتىجە قەغىزى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىدىكەن. تەرتىپتىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزىنىڭ نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىرى بولسا، ئەسلىدىكى تىزىمغا ئالدۇرغان مەكتەپتە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، مەكتەپ ئىلمىي باشقارمىسى بىر تۇتاش تىزىملىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىگە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىدىكەن. 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە توردا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى