تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى بەش ئايدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى

ئاساسلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچلىرىدە يىللىق ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تاماملاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، لى لىننىڭ 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتقان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، ئالدىنقى بەش ئايدىكى ئاساسلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچلىرىدە يىللىق ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تاماملانغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا 271 مىڭ 600 ئادەمنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %60.35ى تاماملانغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى شەھەر - بازارلاردا 97 مىڭ 400 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ %35.87 ىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.37 ئاشقان؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى 1 مىليون 985 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %73.5ى تاماملانغان؛ شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 24 مىڭ 200 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %60.57ى تاماملانغان؛ نۆل ئىشقا ئورۇنلاشقان ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش ھالىتى ساقلانغان.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ماھارەت ئاچقۇچ. ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپ بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇردى، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 553 مىڭ 300 ئادەم قېتىم تۈرلۈك تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرى 320 مىڭ 800 ئادەم قېتىم ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى 182 مىڭ 600 ئادەم قېتىم تەربىيەلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ۋە يولى قىلىپ، «يۇرتىغا قايتىپ، يېزىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ، يېزىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بەردى، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ رولى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئالدىنقى بەش ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچى 28 مىڭ 300 ئادەم بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %94.26ى تاماملاندى؛ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق 47 مىڭ 900 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %53.23ى تاماملاندى.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز «كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش، كېچىكتۈرۈش، قايتۇرۇش، تولۇقلىما بېرىش» قاتارلىق بىر قاتار يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى رولى كۆرۈنەرلىك بولدى. شەھەر - بازارلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە، كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 130 مىڭ 200 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 122 مىڭ 900 ئادەم، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 115 مىڭ 100 ئادەم بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا جەلپ قىلىشتىكى ئاساسىي يوللۇق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ جۈنچاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ 24 سائەتلىك ئىشچى ئىشلىتىشنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، توردا ھەر خىل تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر بولۇش» بويىچە نۇقتىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەھلىل قىلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە دائىر بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش - يۆلەشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى بولۇش، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى ليۇ جۈنچاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى