تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئادىلنىڭ ئاشخانا ئاچقان كۈنلىرى تولىمۇ مەنىلىك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جېڭ جو، لى شىڭ

6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئادىل ئەخەتنىڭ سەل مىجەزى يوق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىغا كەلدى. خوتەن شەھىرىدە ئېچىلغان بۇ ئاشخانىغا نىسبەتەن ئادىلنىڭ مۇھەببىتى چوڭقۇر ئىدى، شۇڭا ئىزچىل كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلدى، بوشاڭلىق قىلمىدى.

ئاشخانىغا مېھمان كەلسە، ئادىل قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. «بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان جاي.» ئادىل مۇنداق دېدى: ئاشخانىغا كىرسەملا، يېڭى تىجارەت چارىلىرى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولىدۇ.

سودا - سېتىقتا جانلىق، ئۆزگىرىشچان بولدى

«لوبەن، ئىككى قاچا كالا گۆشى ئۈگرىسى، يەنە بىرنەچچە زىخ مايدا پىشۇرۇلغان كاۋاپ كەلتۈرۈڭ.» خېرىدارنىڭ تاماق بۇيرۇتقانلىقىنى ئاڭلاپ، مۇلازىم ماھىرلىق بىلەن تالون يېزىپ، تاماق توشۇدى. چۈشلۈك تاماقنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئادىلنىڭ ئاشخانىسىغا يەنىلا مېھمانلار ئۈزۈلمەي كىرىۋاتاتتى، سىرتقا تاماق يەتكۈزگۈچىلەر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاماقنىڭ چىقىشىنى ساقلاۋاتاتتى. يەتتە نەپەر خىزمەتچىسى بار 130 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاشخانىنىڭ خىزمەتلىرى ئادىلنىڭ باشقۇرۇشىدا تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتاتتى.

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، ئادىل بانكىدىن 50 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئالدى، ئۇ بۇ پۇلغا كونا ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاپ، يېڭى تىجارەت تۈرلىرىنى كۆپەيتمەكچى بولدى.

بۇ قەرز پۇل تىلغا ئېلىنغاندا ئادىل ناھايىتى ھاياجانلاندى. «يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، سودا بۇلتۇرقىدىن سەل سۇسلاشتى. 4 - ئايدا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ماڭا تېلېفون قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى لازىممۇ دەپ سورىدى.» ئادىل دەرھال خوتۇنى بىلەن بانكىغا بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ، ئىككى كۈندىلا قەرز پۇلنى ئالدى. «ئۈسكۈنىلەرنى ئالماشتۇرۇش خىراجىتى، ئاشخانىدىكى كۆچمە مەبلەغنىڭ ھەممىسى ھەل بولدى، بەك ۋاقتىدا بولدى» دېدى ئۇ.

ئادىلنىڭ خوتۇنى رايىلە تۇرسۇنتوختى ئېرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك سودىسى قىلىشقا بەك ماس كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. «چارىسى كۆپ، ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىپ، مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار باھاسى قورۇمىلىرىنى چىقاردى، شۇڭا خېرىدارلار كۆپەيدىكى، ئازايمىدى.» رايىلەنىڭ ئېيتىشىچە، ئېرى تىجارەتكە مەسئۇل ئىكەن، ئۆزى مالىيەنى باشقۇرىدىكەن، ئىككىسى ياخشى ماسلىشىدىكەن.

ئادىل ئاشخانىنىڭ باھا جەدۋىلىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى كالا گۆشى ئۈگرىسىنىڭ نورمال باھاسى سەككىز يۈەن، ئوقۇغۇچىلار باھاسى ئالتە يۈەن؛ قىزارتىپ پىشۇرۇلغان كالا گۆشى ئۈگرىسىنىڭ نورمال باھاسى 12 يۈەن، ئوقۇغۇچىلار باھاسى ئون يۈەن. ھەر قېتىم چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئاشخانا خېرىدارلار بىلەن لىق تولىدۇ.

كالا گۆشى ئۈگرىسى تۈرىنىڭ بىرلا خىل ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئادىل دۇكاندا مايدا پىشۇرۇلغان زىخلىق كاۋاپ ساتتى. بۆدۈنە تۇخۇمى، يۈدوۋفۇ، يالپاقلانغان توخۇ گۆشى، راك قاتلىمىسى... ئون نەچچە خىل زىخلىق يېمەكلىك توڭلاتقۇغا لىق تىزىلغانىدى. ھەربىر زىخى ئىككى يۈەنلىك مايدا پىشۇرۇلغان زىخلىق كاۋاپ كالا گۆشى ئۈگرىسىنىڭ ئۆلچەملىك يانداش سەي تۈرىگە ئايلاندى. «خېرىدارلار دۇكانغا كىرگەندىن كېيىن، بىر قاچا كالا گۆشى ئۈگرىسىگە قوشۇمچە قىلىپ بىر نەچچە زىخ مايدا پىشۇرۇلغان زىخلىق كاۋاپ ۋە بىر - ئىككى كىشىلىك شياۋسەي بۇيرۇتسا، مېنىڭ سېتىش سوممام بىراقلا ئۆرلەيدۇ.» ئادىل مۇنداق دېدى: سودا - سېتىقتا جانلىق، ئۆزگىرىشچان بولۇش كېرەك، كۆپرەك ئويلانغاندا ئاندىن سودىنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ.

ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قايتىدىن قوزغالدى

ئادىل ئىزچىل ئائىلىسىنىڭ پەخرى ئىدى، 1999 - يىلى ئۇ ئىچكىرى رايوندىكى داشۆگە ئۆتتى، ئوقۇش مەزگىلىدە، ئۇ ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى ساياھەت قىلدى، كۆپ ئىشلارنى كۆردى.

2004 - يىلى، ئادىل ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خوتەن شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، بىر نىمكەش ئاپتوموبىل شىركىتى ئاچتى، دائىم ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ مال كىرگۈزدى، سودىسى تەدرىجىي ئىزىغا چۈشتى، يەنە كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان قىز دوستى بىلەن توي قىلدى، ئوماق بالىسىمۇ بار بولدى.

ئەسلىدە ئۇ ياخشى ئىشلەپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك ئىدى، بىراق ئادىل ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن يۇقۇملاندى. تىجارەت قىلغان مەزگىلدە ئادىل نۇرغۇن كىشى بىلەن دوست بولدى، ئويلىمىغان يەردىن بەزى ئەسەبىي ئىدىيە ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى. «تويدا كۈلۈشكە بولمايدۇ، دەپنە مۇراسىمىدا يىغلاشقا بولمايدۇ» «ئاياللار سىرتقا چىقىپ ئىشلىسە بولمايدۇ، ئۇلار تاپقان پۇلنى خەجلەشكە بولمايدۇ» دېگەنگە ئوخشاش ئاتالمىش «قائىدە»لەر ئادىلنىڭ قەلبىدە كۆلەڭگە پەيدا قىلدى. ئۇ چاغدا، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھاراق ئىچىپ تاماكا چەككەنلىكىنى كۆرسە، ئۇ ئالدىغا بېرىپ ئۇلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالاتتى. ئايالىنىڭ دۇكاندا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسە ئادىل ئۇنى ئۆيگە كەتكۈزۈۋېتەتتى، ئۇنىڭ نەزەرىدە ئاياللار يۈزىنى ئېچىپ يۈرسە بولمايتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەسلىدە ئوي - پىكرى بىر يەردىن چىقىدىغان ئىككىسى دائىم ئۇرۇشۇپ قالىدىغان بولدى، نەچچە قېتىم قول تەگكۈزۈشكە تاس قالدى، تىجارەتنىمۇ داۋاملاشتۇرالماي قالدى.

ئادىلنىڭ ئاتا - ئانىسى ئوغلىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ بەكلا تىت - تىت بولۇپ، مەھەللە كادىرلىرىنى ياردەمگە تەكلىپ قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە نەسىھەت قىلىشى بىلەن ئادىل خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىش قارارىغا كەلدى.

ئارىدىن كۆپ يىل ئۆتۈپ يەنەبىر قېتىم مەكتەپكە كىرگەن ئادىل سەل جىددىيلىشىپ قالدى، لېكىن تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ پاكىز، رەتلىك مۇھىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، ئادىلنىڭ قەلبىدە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قايتا قوزغالدى. تەربىيەلەش مەركىزىدە، ئۇ باشقا تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، قانۇن بىلىملىرىنى بىرلىكتە ئەستايىدىل ئۆگەندى. ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان ئاشۇ گەپ - سۆزلەرنىڭ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندى، ئۇ ئۆزىنى خوتۇنىغا بەكمۇ كۆپ قەرزداردەك ھېس قىلىپ، تىرىشىپ تولۇقلاپ، يەنەبىر قېتىم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پەخرى بولۇشقا بەل باغلىدى.

قەلبى ئېيتقۇسىز بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلدى

2018 - يىلى تەربىيەلەش مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئادىل 100 مىڭ يۈەنگە خوتەن شەھىرىدىكى بۇ كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.

«ئاشخانىنىڭ كۆلىمى چوڭ، ئالدى زال، ئارقىدىكى ئاشخانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، يەنە مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچ بار. ئاشخانا يولغا يېقىن، ئەتراپتا مەكتەپ بار، ئۆيۈمگىمۇ ناھايىتى يېقىن.» بۇ ئاشخانىدىن ئادىل ناھايىتى رازى بولدى. كۆپ يىللىق سودا بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبىسىگە تايىنىپ، ئادىل ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن تىجارەت چارىسىنى ئويلاپ تاپتى.

ئاشخانىنىڭ يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىسى بەك ئاددىي، كالا گۆشى ئۈگرىسى ۋە سوغۇق سەينىڭ تۈرى بەك ئاز. ئەتراپتىكى شۇنچە كۆپ ئاھالىلەر بىناسىنى كۆرۈپ، ئادىل ئەتىگەنلىك تاماقنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى. جۈسەي تۇخۇم مانتىسى، كالا گۆشى مانتىسى، چاي تۇخۇم... ئادىل بارمىقىنى پۈكۈپ ئەتىگەنلىك تاماق تۈرلىرىنى ساناپ چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە مايدا پىشۇرۇلغان زىخلىق كاۋاپ، راڭپىزا، قۇرغاق كالا گۆشى ئۈگرىسى قاتارلىق تاماق تۈرلىرىنى قوشتى، ئۈچ نەپەر لەڭمەن سوزۇش ئۇستىسى، تۆت نەپەر مۇلازىمەتچى قوبۇل قىلدى.

سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئادىل ئالتە - يەتتە تاماق بۇيرۇتۇش شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشتى، ئاشخانىغا ھەرقايسى تاماق بۇيرۇتۇش سۇپىلىرىنىڭ ئىككىلىك كودى قويۇلغانىدى.

كالا گۆشى ئۈگرىسىنى يەتكۈزۈش قولايسىز، ئادىل مەخسۇس شورپا بىلەن چۆپنى ئايرىپ ئورايدىغان قاچىنى تېپىپ، ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چۆپىنى قويدى، ئاستىنقى قەۋىتىگە شورپىسىنى قويدى، خېرىدارلارنىڭ تاماق يېگەندىكى ھېس قىلىشى ياخشى بولدى. ئادىل سەككىز مولۇق تاماق قاچىسىنىڭ تەننەرخىنى ئۆزىنىڭ تىجارەت تەننەرخىگە قوشۇپ، ئارتۇق ھەق ئالمىدى، تاماق بۇيرۇتۇش زاكاز تالونى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. ھازىر ھەر ئايلىق تاماق بۇيرۇتۇش مىقدارى ئومۇمىي تىجارەت سوممىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

نىمكەش ئاپتوموبىل دىرېكتورىدىن ئاشخانا لاۋبىنىگىچە، ئادىل ئۆزگىرىشنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. «ئىلگىرى نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارىتى قىلغاندا ۋاقتىدا ئىشقا چىقىپ - چۈشەلەيتتۇق، لېكىن ئاشخانا ئاچسا ئۇنداق بولمايدىكەن، ئىشچان بولۇشىمىز كېرەك ئىكەن.» بىر كۈن بۇرۇن كەچتە ئۇ توپ سېتىش بازىرىدىكى تىجارەتچى لاۋفاڭغا ئالدىن تېلېفون قىلىپ، قارشى تەرەپكە قانداق سەي تەييارلاپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتە - سەككىزلەردە مالنى ئالغىلى باراتتى.

«ھەر كۈنى ئاشخانىدا تۆت قېتىم غىزالىنىش يۇقىرى پەللىسى بولىدۇ، ئەتىگەن، چۈش، كەچ ۋە يېرىم كېچە، يېرىم كېچە سائەت 12دىن كېيىن ئاندىن ئاشخانىنى تاقاپ ئۆيگە قايتىمىز.» ئاپىسى يۇلتۇز رەخىمنىڭ ئادىلغا بەك ئىچى ئاغرىپ، دائىم كېلىپ ياردەم قىلاتتى. ئادىل مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ دۇكاندا ئالدىراش يۈرگىنىنى كۆرۈپ، قەلبىم ئېيتقۇسىز بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى