شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سوڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىر ياۋ چيەن خەۋىرى) كورلا نەشپۈتى شىجياجۇاڭ بازىرىغا كىردى. يېقىندا، بۇ خەۋەر كورلىدىكى نەشپۈت ئۆستۈرىدىغان دېھقانلار ئارىسىدا بەس-بەستە تارقىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى.
ھەر يىلى 3-ئايدىن 4-ئايغىچە كورلا نەشپۈتى سېتىش تىرانسىپورتىنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ، لېكىن بۇ يىل، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە كورلا نەشپۈتىنىڭ بازىرى كاساتلاشتى.
«2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نەشپۈت ئۆستۈرۈش ئومۇمىي كۆلىمى 455 مىڭ مو، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 260 مىڭ توننا بولدى، بۇ يىل 4-ئاينىڭ باشلىرىغىچە 120 مىڭ توننا نەشپۈت سېتىلماي تۇرۇپ قالدى» دېدى كورلا نەشپۈتى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى شېڭ جېنمىڭ.
نەشپۈت بازىرىنىڭ كاساتلىشىش ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى چاڭ لياڭ ئالاقىدار خادىملارنى باشلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە ئالاقىلىشىپ، ماسلاشتۇردى. 5-ئاينىڭ 22-كۈنى شىجياجۇاڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ شەھەرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، سودا ئىدارىسىنى نەشپۈتنى سېتىشقا ياردەملىشىشىنى تەلەپ قىلدى. 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، تۇنجى تۈركۈم كورلا نەشپۈتى شىجياجۇاڭ بېيگو تاللا بازىرى، 365 تۇرمۇش تاللا بازىرى، يوڭخۇي تاللا بازىرى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان سودا سارايلىرىدا سېتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ تاللا بازارلىرىنىڭ تور تاللا بازىرىدىمۇ ماس قەدەمدە سېتىلدى.
«5-ئاينىڭ 24-كۈنى كورلا نەشپۈتى بېيگو تاللا بازىرىدىكى 32 زەنجىرسىمان دۇكاندا ماس قەدەمدە سېتىلدى. 5-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە جەمئىي 10 توننىغا يېقىن سېتىلدى. 5-ئاينىڭ 27-كۈنى يەنە توققۇز توننا زاكاز قوبۇل قىلىندى. كېيىنكى قەدەمدە بىز كورلا نەشپۈتىنى ياخشى سېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ ئۆزگىچە ۋە تېخىمۇ يوشۇرۇن سېتىش كۈچىگە ئىگە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىزدەيمىز» دېدى شىجياجۇاڭ بېيگو تاللا بازىرى يېڭى پېتى سېتىۋېلىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جاڭ يوڭ.
شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خەن جيەنخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كېيىنكى قەدەمدە ئىككى جاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، شىجياجۇاڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان كورلىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى يېيىشىنى، ئىشلىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى جايدىكى ئاممىغا بەخت يارىتىمىز.»