تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پامىر ئېگىزلىكىدە مۇز تاغقا كەلگەن «يېڭى مېھمان» مەيدانغا كەلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى (جاڭ جۇڭكەي، گاۋ خەن خەۋىرى): «ئامىر، ئالغا!» بۇ 50 نەچچە يىل ئىلگىرىكى كىلاسسىك كىنو «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»دىكى بىر جۈملە كىلاسسىك سەھنە سۆزى. كىنودا ياڭ پەيجاڭ چېگرا جەڭچىسى ئامىرنى باتۇرلۇق بىلەن مۇھەببەتكە ئىنتىلىشكە ئىلھاملاندۇرغان. نۇرغۇن كىشى دەل بۇ فىلىم ئارقىلىق ھېكايە يۈز بەرگەن جاي __ شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنى تۇنجى قېتىم بىلگەن.

پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن يۇقىرى بولۇپ، ئېگىزلىك، قاتتىق سوغۇق، چېگرا بىر گەۋدىلەشكەن مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز ناھىيە ھېسابلىنىدۇ.

قاتناش چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، تاجىكلارنىڭ نوپۇسى %81كە يېقىن كېلىدىغان ئېگىزلىكتىكى بۇ كىچىك ناھىيەدە، ئىلگىرى سىرتتىن كەلگەنلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايتتى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ياقا يۇرتلۇقلار بۇ يەرگە كېلىپ، «ئامىر»غا ئوخشاش بۇ جاينىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن «ئاتاكىغا ئۆتۈپ»، مۇز تاغدىكى «يېڭى مېھمان»لارغا ئايلاندى.

سولدىكى سۈرەتتە: سەنيادىن كەلگەن جوۋ بىڭچيەن شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى شەھەر-يېزا ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتىپىدە دەرس ئۆتمەكتە (6-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)؛ ئوڭدىكى سۈرەتتە: جوۋ بىڭچيەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن دەرس ئارىلىقىدا بىللە ئۇسسۇل ئوينىماقتا (6-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى: قارلىق تاغدا دېڭىز كۆرۈش ئارزۇسىنى بىخلاندۇرۇش

دېڭىز بويىدا 30 يىل ياشىغان، سەنيادىن كەلگەن جوۋ بىڭچيەن تاشقورغان ناھىيەسىدە تۇنجى قېتىم قارنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغانلىقىدىن يىغلىۋەتكىلى تاس قالغان.

جوۋ بىڭچيەن تاشقورغان ناھىيەسىدىكى شەھەر-يېزا ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىسى. 2011-يىلى، سەنيا داشياۋدۇڭتيەن مەنزىرە رايونى تاشقورغان ناھىيەسىدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىنتايىن كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، خادىملارنى تاللاپ تاشقورغان ناھىيەسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن، ھەر بىر تۈركۈم بىر ئوقۇش مەۋسۇمىدە، ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 50 نەپەر خادىم جۇڭگونىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ئۆلكىدىن بۇ «ئەڭ غەربىي رايون»غا كېلىپ تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن.

جوۋ بىڭچىڭ مەكتەپتە 1-يىللىق ۋە 5- يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىدە، بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ساددا، ئىش ئۇقىدۇ. «ھەر قېتىم بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش ئاخىرلاشسا كېتىدىغانلىقىمنى تىلغا ئالساملا، ئوقۇغۇچىلار مېنى ئورىۋېلىپ، كەتمەڭ دەپ تۇرۇۋالىدۇ».

ھەر بىر تۈركۈم مائارىپقا ياردەم بېرىپ قايتىپ كەلگەن خىزمەتداشلار كۆپچىلىك بىلەن تەجرىبىسىنى ئورتاقلىشىدۇ، يەنە بەزى خىزمەتداشلار بۇ يەرگە ئىككى قېتىم كېلىپ مائارىپقا ياردەم بەرگەن. «ئىلگىرى نۇرغۇن بالىلار ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ يازالمايتتى، ھازىر سىزگە چاقچاق قىلالايدىغان بولدى» دېدى جوۋ بىڭچيەن.

تاجىك مىللىتى ناخشا ـ ئۇسسۇلغا ماھىر، بالىلار دەرستىن كېيىن جوۋ بىڭچيەنگە تاجىك مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بۈركۈت ئۇسسۇلىنى ئويناشنى ئۆگەتتى. ئۇمۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلارغا خەينەننىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە ئىلھاملاندۇردى، «مەن سەنيادا سىلەرنى ساقلايمەن».

12 ياشلىق نۇرىمانگۈل خەيرۇللا جوۋ بىڭچيەننىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئۇ ئەدەبىيات دەرسىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، دۆلەت تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدۇ. ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇسسۇلچى ياكى دوختۇر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. «كەلگۈسىدە مېنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ، گۇگۇڭ سارىيىنىڭ قانداقلىقىنى، دېڭىزنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ باققۇم بار».

سولدىكى سۈرەتتە: شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى خاس پۇقراۋى قونالغۇ مېھمانخانىسىدا سۈرەتكە چۈشكەن چا جۈەن (6-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)؛ ئوڭدىكى سۈرەتتە: چا جۈەن (ئوڭدا)  شۇ جايدىكى ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى دىلدار ياقۇپ بىلەن بىر ئۆزگىچە ئاشخانىنىڭ ئۇسلۇبىنى لايىھەلەش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشمەكتە (6-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

ساياھەت ئىجادكارلىرى: تاغلىق رايوندا تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش

تاشقورغان ناھىيەسىدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونى ئالائېرجىن ساۋتەن يېنىدا، «قۇياش قەبىلىسى» دەپ ئاتىلىدىغان مىللىي ئۆرپ-ئادەت مۇزېيى ئاشخانىسى بار. ئاشخانا تاشلاندۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان، سىرتى ئانچە كۆزگە چېلىقمايدۇ، ئەمما ئىچىدە باشقىچە بىر مەنزىرە بار بولۇپ، ھەممىلا يەردە تاجىك مىللىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئاشخانا قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى چا جۈەن ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئەمەس. 2019 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ تاشقورغان ناھىيەسىگە كېلىپ جىغان كەسپىنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى ۋە مەدەنىيىتىنى «بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالدى». ئارقىدىن ئۇ تاشقورغان ناھىيەسىدە قېلىپ، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا قاتنىشىشنى قارار قىلدى.

تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى تىلغا ئېلىنغاندا، چا جۈەن ھاياجېنىنى باسالمايتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى تېزلىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان جايى، مەدەنىيەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. «قانچىكى قەدىمىي نەرسە شۇنچە مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى ھازىرلىغان بولىدۇ، قانچىكى مىللىيچە نەرسە شۇنچە خەلقئارا تۈسنى ھازىرلىغان بولىدۇ».

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن رايون ساياھىتى پامىر ئېگىزلىكىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. يېقىندا، چا جۈەن «كونا قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىش»نى ئاساس قىلغان ئون نەچچە مېھمانساراي پۇقراۋى قونالغۇ تۈرىگە قاتناشتى ھەم تىجارەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە قاراتتى.

28 ياشلىق تاجىك ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياش دىلدار ياقۇپ بۇلتۇر چا جۈەننىڭ كوللېكتىپىغا قاتنىشىپ، «قۇياش قەبىلىسى» مىللىي ئۆرپ- ئادەت مۇزېيى ئاشخانىسىنى يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چا جۈەنگە ئەگىشىپ باشقۇرۇشنى ئۆگەندى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاشخانىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيەت پۇرىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

«ئۇلار بۇ يەردە تۇغۇلۇپ بۇ يەردە چوڭ بولغان، بۇ جاينىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدۇ، يەرلىكلەر قاتناشقاندىلا ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى <شەكىل ۋە روھىي جەھەتتىن تەڭ يېتىلدۈرگىلى> بولىدۇ، بۇ يەرلىكنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ پايدىلىق» دېدى چا جۈەن.

سولدىكى سۈرەتتە: شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرى ئىشخانىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئەنشەن پولات-تۆمۈر شىركىتى گۇرۇھىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى ما رۇڭسەي (6-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)؛ ئوڭدىكى سۈرەتتە: ما رۇڭسەي (ئوڭدا) ئەنشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلماقتا (6-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار: ئېگىزلىكتە كۈرەش ئىزى قالدۇرۇش

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەنشەن پولات - تۆمۈر شىركىتى گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى ما رۇڭسەي تاشقورغان ناھىيەسىگە كېلىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار بىلەن بىللە يېزىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ كۈنى دەل مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش كۈنى ئىدى.

تاشقورغان ناھىيەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە ئىدى. بۇ يەرگە كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا، ما رۇڭسەي ئۇدا 150 كۈن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىدە تۇرغان. يېزا - كەنت مەنزىرىسى ۋە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ما رۇڭسەينى چوڭقۇر ئىرادىگە كەلتۈرگەن: شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە جەزمەن «ياخشى پولات»نى پىچاقنىڭ بىسىغا ئىشلىتىش كېرەك.

ئۆتكەن ئىككى يىلدا، ئەنشەن پولات-تۆمۈر شىركىتى گۇرۇھى جەمئىي 30 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى: ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپتە يىراقتىن ئوقۇتۇش مەركىزى بار بولدى، دوختۇرخانىغا تۆت ئۆلچەملىك رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئۈسكۈنىسى قوشۇلدى، تۇخۇم توخۇسى فېرمىسى ۋە قوتاز گۆشى پىششىقلاش زاۋۇتىمۇ پات ئارىدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

ئېگىزلىكتىكى قارلىق جۇخارگۈلى قاتارلىق يەرلىك يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە ئەگىشىپ تاغدىن چىقىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىن چوڭ شەرقىي شىمالىغا كەلدى. ئەنشەن پولات-تۆمۈر شىركىتى گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان يەنە بىر كادىرى جاڭ يۈنخۇي ئۆتكەن يىلى قىشتا ئەتىگەن تۇرۇپ، كەچ يېتىپ، بەش كۈن كۈرەش قىلىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى قوتاز گۆشى ۋە قوي گۆشىنىڭ چاغاندىن بۇرۇن لياۋنىڭ ئەنشەنگە توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

2005-يىلىدىن بۇيان، ئەنشەن پولات - تۆمۈر شىركىتى گۇرۇھىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 40قا يېقىن كادىر تاشقورغان ناھىيەسىگە كېلىپ خىزمەت قىلىپ، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ۋە باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى. 2019-يىلى، تاشقورغان ناھىيەسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«كەلگۈسىدە بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىدىغىنىمىز ئەڭ قىممەتلىك بولغان پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئاددىي-ساددا مىللىي ئۆرپ - ئادەت؛ قالدۇرۇپ قويۇشنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىمىز كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ روھى» دېدى ما رۇڭسەي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى