تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئاتىلار بايرىمى ۋە دۇەنۋۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش

   خەلق تورى خەۋىرى: دۇەنۋۇ بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەممە يەرنى تاڭزۇڭزا ھىدى ئالدى. «ئاتىلار بايرىمى» ۋە «دۇەنۋۇ بايرىمى»نى تەبرىكلەش ئۈچۈن، نەنجىڭ شەھىرى چىشيا رايونى ياۋخۇا كوچىسى ياۋئەن يېڭى كەنتى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ باشلامچىلىقىدا «مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئاتىلار بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمىدا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» تېمىسىدا دۇەنۋۇ بايرىمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى. بۇ باش تېما پائالىيىتى مەھەللىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، تاڭزۇڭزا ئوراش، خۇشپۇراق خالتا ياساش، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلاشتىن ئىبارەت بىر قانچە ھالقىغا بۆلۈندى.

    «تاڭزۇڭزا»نىڭ  ياز كۈنلىرىدىكى ھىدى ئاتا مېھرىدەك چوڭقۇر، پائالىيەت كۈنى سەھەردە، ياۋئەن يېڭى كەنتى مەھەللىسى ۋاقىت بانكىسى پىدائىيلىرى ئالدىن تەييارلاپ قويغان تاڭزۇڭزا يوپۇرمى، نومى گۈرۈچى، قىزىل پۇرچاق قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئۈستەلگە رەتلىك تىزدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، پائالىيەت رەسمىي باشلاندى، كۆپچىلىك بىرگە ئولتۇرۇپ، بەس-بەستە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش بويىچە ماھارەت كۆرسىتىپ، تاڭزۇڭزا يوپۇرمىقىنى ۋارونكىسىمان قىلىپ، نومى گۈرۈچىنى تولدۇرۇپ، چىڭدىتىپ، ئېغىزىنى ئېتىپ، يىپتا باغلىدى، بىر ئازدىن كېيىن چىرايلىق تاڭزۇڭزا تەييار بولدى. تاڭزۇڭزا ئوراش جەريانىدا، كۆپچىلىك ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزارا ئۆگەندى، ئوراشنى بىلمەيدىغانلار تاڭزۇڭزا يوپۇرمىقىنى ئېلىپ بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن تاڭزۇڭزا ئوراۋاتقانلارغا ئەگىشىپ ئۆگەندى.

    ياۋئەن يېڭى كەنتى مەھەللىسى زاۋۇت ئولتۇراق رايونى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەسلىدە ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرىدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاتا ھەم پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، تاڭزۇڭزا ئوراشنى بىلمەيدىغان ئاھالىلەر «قابىل ئۇستىلار»نىڭ باشلامچىلىقىدا، خۇشپۇراق خالتا ياسىدى، كىچىك باغاقچىگە تىلەك سۆزلىرىنى يېزىپ، خۇشپۇراق خالتىنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويدى. سىرتتا پات-پات كۈلكە سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئادەتتە خىزمىتى ئالدىراش ئاتىلار بۇ قېتىمقى قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ بالىلار بىلەن بىرلىكتە تەپكۈچ تېپىش، چەمبىرەك ئېتىش قاتارلىق ئويۇنلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى ......

    چۈشتىن كېيىن، ئۇنىۋېرسال بۆلۈم خىزمەتچىلىرى تاڭزۇڭزا ۋە خۇشپۇراق خالتىسىنى ئېلىپ كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار، ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلاردىن ھال سورىدى، يەنە ئۇلارنىڭ ئىككى يىلدا بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى ئۈچۈن ئالدىن كېلىشىپ قويدى. 

   ئاتىلار بايرىمى ۋە دۇەنۋۇ بايرىمى تەبرىكلەندى، تاڭزۇڭزىنىڭ خۇش ھىدى قويۇق مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا ئەگىشىپ پۈتۈن مەھەللىنى قاپلىدى. مەيلى ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمراھ بولۇش، قوشنىلار ئارا ياردەمدە بولۇش بولسۇن ياكى مەھەللە مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىشى بولسۇن، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىگە ئادەمگەرچىلىكنىڭ مۇھىملىقى ھېس قىلدۇرۇلدى، مۇلازىمەت تىپىدىكى مەھەللە قۇرۇلۇشى ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى غەمخورلۇقتىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەت تەۋەلىكتىكى كەڭ ئاھالىلەرنى مەزمۇنى مول ھەم ئەھمىيەتلىك بايرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى