تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بۇ يىلقى دۇەنۋۇ بايرىمى 21-ئەسىردىكى ئەڭ ۋاقچە يېتىپ كەلگەن دۇەنۋۇ بايرىمى ھېسابلىنىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جوۋ رۇنجيەن): يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇەنۋۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلقى دۇەنۋۇ بايرىمى سەل ئالاھىدىرەك بولۇپ، ئۇ 21-ئەسىردىكى ئەڭ ۋاقچە يېتىپ كەلگەن ئۈچ قېتىملىق دۇەنۋۇ بايرىمىنىڭ بىرى ئىكەن.

دۇەنۋۇ بايرىمى ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگە مۇقىملاشقان، لېكىن ئۇنىڭ قۇياش كالېندارىدىكى ۋاقتى مۇقىم ئەمەس. بۇ خىل ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى سەۋەب دەل «كەبىسە ئېيى»دۇر.

ئاسترونومىيە تەربىيەسى مۇتەخەسسىسى، تيەنجىن شەھەرلىك ئاسترونومىيە جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى جاۋ جىخېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى دېھقانلار كالېندارى ئەمەلىيەتتە ئاي-كۈن بىرلەشمە كالېندارى بولۇپ، بۇنىڭدا ھەم قۇياش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇياش كالېندارى تىروپىك يىلى كۆزدە تۇتۇلغان، ھەم ئاي فازىسى ئۆزگىرىدىغان ئاي كالېندارى قەمەرىيە ئېيى كۆزدە تۇتۇلغان. بىر قەمەرىيە ئېيى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 29.5306 كۈن بولۇپ، 12 قەمەرىيە ئېيى 354 كۈن ياكى 355 كۈن بولىدۇ، بۇ تىروپىك يىلى (تەخمىنەن 365.25 كۈن) بىلەن 11 كۈن ئەتراپىدا پەرقلىنىدۇ، ئۈچ يىلدىكى پەرقنى يىغىپ ھېسابلىغاندا بىر ئايدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەدىمكى كىشىلەر «كەبىسە ئېيى» تەسىس قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان دېھقانلار كالېندارىدىكى «كەبىسە ئېيىنى چىقىرىش»تا «19 يىلدا يەتتە كەبىسە» ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، يەنى ھەر ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە، چوقۇم بىر ئاي قوشۇلىدۇ، قوشۇلغان بۇ ئاي «كەبىسە ئېيى» دەپ ئاتىلىدۇ. «كەبىسە ئېيىنى چىقىرىش» قائىدىسى 24 مەۋسۇمغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

دېھقانلار كالېندارى بويىچە گېڭزى چاشقان يىلى كەبىسە يىلى بولۇپ، ئۇنىڭغا «كەبىسە 4-ئاي» قوشۇلغان. بۇ «كەبىسە 4-ئاي» قۇياش كالېندارى بويىچە 5-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىپ قۇياش كالېندارى بويىچە 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. «كەبىسە 4-ئاي»نىڭ تەسىرىدە، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، گېڭزى چاشقان يىلىدىكى دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بايراملار، مەسىلەن، دۇەنۋۇ بايرىمى قاتارلىق بايراملارنىڭ قۇياش كالېندارىدىكى توغرا كەلگەن ۋاقتى ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 18 كۈن كەينىگە سۈرۈلىدۇ. بۇلتۇرقى دۇەنۋۇ بايرىمى قۇياش كالېندارى بويىچە 6-ئاينىڭ 7-كۈنىگە توغرا كەلگەن، بۇ يىل دۇەنۋۇ بايرىمىنىڭ قۇياش كالېندارىدىكى ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى تەبىئىي ھالدا 6-ئاينىڭ 25-كۈنى بولدى.

جاۋ جىخېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 21-ئەسىردىكى 100 يىل ئىچىدە دۇەنۋۇ بايرىمى ئەڭ ۋاقچە يېتىپ كەلگەن ئۈچ يىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2001-يىلى، 2020-يىلى ۋە 2058-يىلى، مۇشۇ يىللاردا دۇەنۋۇ بايرىمى قۇياش كالېندارى بويىچە 6-ئاينىڭ 25-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى، دۇەنۋۇ بايرىمىنىڭ قۇياش كالېندارى بويىچە 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى ئەڭ كېيىن ھېسابلانمايدۇ، ئەڭ كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق دۇەنۋۇ بايرىمى قۇياش كالېندارى بويىچە 1906-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى