شىنخۇا تورى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 21-كۈنى يازلىق كۈن توختاش كۈنى. فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرىدە نېلۇپەر گۈلىنى ئاساس قىلغان كىلاسسىك باغ-ئورمان چايخانىسى باغچىسىدا، نېلۇپەر گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، ھەسەل ھەرىسى ۋە قۇشلار گۈلزارلىقتا ئۇچۇپ، خۇددى تومۇزدىكى گۈل-قۇشلارنىڭ مەنزىرە سۈرىتىگە ئوخشاپ قالغانىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋېي پېيچۈەن فوتوسى
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ھەسەل ھەرىسى فۇجوۋ چايخانا باغچىسىدىكى نېلۇپەر كۆلىدە ئۇچۇپ يۈرۈپ نېلۇپەر گۈللىرىدىن ھەسەل يىغماقتا.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو قىسقا پۇت سېرىق قۇشقىچى نېلۇپەر يوپۇرمىقى ئاستىدا سالقىندىماقتا.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، بىر فوتوگراف ھەۋەسكارى پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر گۈلىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، فۇجوۋ چايخانا باغچىسىدىكى نېلۇپەر كۆلىدە، بىر نېلۇپەر گۈلى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، بىر قاقىر فۇجوۋ چايخانا باغچىسىدىكى نېلۇپەر كۆلىدە ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، بىر قاقىر نېلۇپەر كۆلىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتماقتا.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، فۇجوۋ چايخانا باغچىسىدىكى نېلۇپەر كۆلىدە نېلۇپەر گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلدى.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر فۇجوۋ چايخانا باغچىسىدا نېلۇپەر گۈللىرىنى تاماشا قىلماقتا.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، نىكتىكوراكس تۇرنىسى نېلۇپەر كۆلىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتماقتا.