تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى سىلۇ جيايۈەن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە مۇرات ئەخەتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارنى كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ بېيىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك.

ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى سىلۇ جيايۈەن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، 1170 ئائىلىلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، دۇكان قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەر ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش، پار بىلەن تەمىنلەش، تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە مۇرات ئەخەتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن سەمىمىي سۆزلىشىپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارنى ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ بېيىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، داۋاملاشما يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ مۇقىم تۇرالايدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان، تەدرىجىي بېيىيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر خېباڭ چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: «شىركەت + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى+ دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مۇقىم بولغان مەنپەئەتنى چېتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر بىر ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا شىركىتىگە كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، خادىملارنىڭ كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كارخانىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، كەسىپ سەۋىيەسى ۋە نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىپ، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر يەنە ئاقتۇ ناھىيەسى نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش، بازارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك تۇتقىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تۈرلۈك تەدبىرلىرىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئورۇنلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق ئېغىزلاردا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشكە يېتەكلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ھەرىكەتچان ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەڭ ئاخىرقى قورغاننى ھۇجۇم بىلەن ئېلىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە مۇجەسسەملەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.