تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

سىچۇەن بۇتو: ناھىيە بازىرىدىكى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا چەك تارتىپ ئۆي تەقسىملەندى

    6-ئاينىڭ 21-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى بۇتو ناھىيەسى يىسا مەھەللىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا ئۆيگە چەك تارتىشقا قاتناشتى.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىسى بۇتو ناھىيەسىدە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ناھىيە مەركىزىدىكى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى (يىسا مەھەللىسى)دا ئۆيگە چەك تارتىش ۋە يېڭى ئۆينى تەقسىملەپ كۆچۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇتو ناھىيە مەركىزى تېمۇلى بازىرى تېمۇلى كەنتىگە جايلاشقان بۇتو ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ناھىيە مەركىزىدىكى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى (يىسا مەھەللىسى)دا جەمئىي 114 كورپۇس بىنا بولۇپ، 2890 ئاھالە 14 مىڭ 230 كەنت ئاھالىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، بۇتو ناھىيەسى يىسا مەھەللىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ئاھالىلەر ئۆي نومۇرى رەسمىيىتىنى بېجىردى.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، بۇتو ناھىيەسى يىسا مەھەللىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، 56 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئابىرىزا ئۆزى چەك تارتىپ چىققان يېڭى ئۆينىڭ نومۇرىنى كۆرسەتمەكتە.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى بۇتو ناھىيەسى يىسا مەھەللىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى يېڭى ئۆيىنىڭ بالكونىدا ئىلگىرىكى قوشنىسى بىلەن سالاملاشماقتا.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، بىر كەنت ئاھالىسى بۇتو ناھىيەسى يىسا مەھەللىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى يېڭى ئۆيىنىڭ بالكونىدا تېلېفوندا پاراڭلاشماقتا.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، بۇتو ناھىيەسى يىسا مەھەللىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، 13 ياشلىق قىزچاق ئاسومېرىزا (سولدا) ئاپىسى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

بۇ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان بۇتو ناھىيەسى يىسا مەسەللىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

                                                                                             شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ خوڭجىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ توقسۇن: مىڭ مو قىچا گۈلى ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
  • يەنجى ناھىيەسى: يازدىكى شياڭسىخۇ كۆلى
  • ئىتتىپاقلىق رىشتىنى ئورتاق ئىزھار قىلىش