تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جوۋ چى 6+15+22 شىنجاڭ كوماندىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ روچى خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىك CBA مۇسابىقىسى مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بىرىنچى باسقۇچتا، شىنجاڭ كوماندىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە بەك ئۇزۇن توختاپ قالغاچقىمۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ باشلىنىشىدا ئىككى تەرەپنىڭ مۇسابىقىگە كىرىشىش ھالىتى بىر قەدەر ئاستا بولدى، لېكىن مۇداپىئە جەھەتتە كۈچلۈك بولغان جوۋ چى توپ ئوينايدىغان كوماندا __ شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇم باسقۇچىدا تاجاۋۇز خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. مۇسابىقىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، چىڭداۋ كوماندىسى ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلەتتى، ھەمدە ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. بىراق، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى قوش ئوتتۇرا ھۇجۇمچى گۇرۇپپىسى، سىرتتا زېڭ لىڭشۈلەر ھەمكارلىشىپ، ئېرىشكەن نومۇرى چىڭداۋ كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى تۆت مىنۇتىدا، شىنجاڭ كوماندىسى ياش توپچىلارنى مەشىق سۈپىتىدە مەيدانغا چىقاردى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جوۋ چىنىڭ شەخسىي كەسپىي ھاياتىدىكى گارغا توپ بېسىپ سالغان سانى تارىختىكى 12-ئورۇنغا ئۆتتى. ئاخىرىدا، شىنجاڭ كوماندىسى 99غا قارشى 113 نەتىجە بىلەن مۇسابىقە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى: بەش ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت توختىتىلىپ تۇرۇلغان CBA مۇسابىقىسى قايتا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ مەيداندا ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان ماھىر: جوۋ چى 22 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان 15 توپنى ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتتى، گارغا توپنى ئالتە قېتىم بېسىپ سالدى.

سانلىق مەلۇماتلاردا ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىككى نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى %51، ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى %35.9، جازا توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى %72.4 بولغان.

شەخسىي سانلىق مەلۇمات:

شىنجاڭ كوماندىسى: جوۋ چى 22 نومۇرغا ئېرىشكەن، گاردىن قايتقان 15 توپنى ئالغان، ئىككى قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتكەن، ئالتە قېتىم توپنى بېسىپ كىرگۈزگەن؛ فەن زىمىڭ 20 نومۇرغا ئېرىشكەن، گاردىن قايتقان 10 توپنى ئالغان. بەش قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتكەن؛ زېڭ لىڭشۈ 15 نومۇرغا ئېرىشكەن، گاردىن قايتقان ئۈچ توپنى ئالغان، توققۇز قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتكەن؛ تاڭ سەييۈ 15 نومۇرغا ئېرىشكەن؛ قىرانبېك 10 نومۇرغا ئېرىشكەن، گاردىن قايتقان ئۈچ توپنى ئالغان؛ يۈ چاڭدۇڭ 10 نومۇرغا ئېرىشكەن، گاردىن قايتقان 10 توپنى ئالغان، ليۇ لىپېڭ ئىككى نومۇرغا ئېرىشكەن، ئۈچ قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتكەن، شىرئەلىجان 14 نومۇرغا ئېرىشكەن، گاردىن قايتقان تۆت توپنى ئالغان، تۆت قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتكەن؛ چى لىن ئۈچ نومۇرغا ئېرىشكەن، گاردىن قايتقان ئىككى توپنى ئالغان، رىپقەتجان ئىككى نورمۇغا ئېرىشىپ، گاردىن قايتقان ئىككى توپنى ئالغان.

چىڭداۋ كوماندىسى: جاۋ شۈخۇڭ يەتتە نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان ئالتە توپنى ئالدى؛ جەي يى يەتتە نومۇرغا ئېرىشتى، قاردىن قايتقان ئىككى توپنى ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ ۋاڭ چىڭمىڭ 12 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان تۆت توپنى ئالدى؛ جاڭ چېڭيۈ 13 نورمۇغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان ئۈچ توپنى ئالدى، لىن ۋېيخەن 15 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان تۆت توپنى ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتى؛ شۈ جياخەن تۆت نورمۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان ئىككى توپنى ئالدى؛ جياۋ خەيلۇڭ توققۇز نومۇرغا ئېرىشتى؛ ليۇ چۈەنشىڭ 20 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان 10 توپنى ئالدى؛ جاۋ داپېڭ ئىككى نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان ئىككى توپنى ئالدى؛ جاۋ تەيلۇڭ 10 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان ئىككى توپنى ئالدى.

ئىككى تەرەپنىڭ مەيدانغا تۇنجى چىققان ماھىرلىرى:

شىنجاڭ كوماندىسى: جوۋ چى، فەن زىمىڭ، زېڭ لىڭشۈ، تاڭ سەييۈ، قىرانبېك.

چىڭداۋ كوماندىسى: جاۋ شۈخۇڭ، جەي يى، ۋاڭ چىڭمىڭ، جاڭ چېڭيۈ، لىن ۋېيخەن.

مۇسابىقە ئۇقتۇرۇشى: 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 19:35دە، شىنجاڭ ك‍‍وماندىسى 1 ـ ئ‍‍اۋغۇست ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى