تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، يالغان - ياۋىداق سۆز بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. جۇڭگو شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئامېرىكا تەرەپ يالغان - ياۋىداق سۆزلەر بىلەن تولغان بىر پارچە «قانۇن لايىھەسى»بىلەنلا بۇرمىلىيالمايدۇ، قارا چاپلىيالمايدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭ زادى «ناھايىتى ياخشى»مۇ، ياكى «ناھايىتى ناچار»مۇ؟ بۇنىڭدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇۋېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، شىنجاڭ توغرىسىدىكى ئىككى خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكمۇ تارتتى: بىرىنچى، شىنجاڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى؛ ئىككىنچى، شىنجاڭدىكى بارلىق نامرات ئاھالە قىرتاق شورلۇق سۇ بىلەن ئۈزۈل - كېسىل خوشلاشتى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ شىنجاڭنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلىش مۇساپىسىدىكى ئىككى بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش، چېتىلىدىغان ئاھالە كۆپ، قاپلايدىغان رايون كەڭ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى، ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر كۆيۈنۈشىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «بىر مىللەتمۇ كەم قالسا بولمايدۇ» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى، ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرماقتا.

ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆپ يۈزبېرىدىغان، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىدىغان قارا تۇمان ئىچىدە قالدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ قانۇن بويىچە بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بىر قېتىممۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇشنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولدى. 2019 - يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى؛ بارلىق ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 23 مىڭ 103 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشتى؛ نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %19.4 تىن %1.2كە تۆۋەنلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئومۇمەن ئۆزى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كېلىپ، ئايلىنىپ باققان، كۆرۈپ باققان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى دوستلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم، ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن تەسىرلەندى، ھەممىسى ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاق، ئىناق، خاتىرجەم ياشاۋاتقان ئىللىق كۆرۈنۈشلەردىن ھاياجانلاندى، ھەممىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى، جۇڭگو شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئىجابىي باھا بەردى. ھالبۇكى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، ھەممىلا يەردە قورال كۈچى كالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ يۈرگەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا رەزىللىككە تولغان تۇرۇقلۇق، شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلدى، ھەق - ناھەقنى ئايرىمىدى، بۇ، ھەقىقەتەن ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، ئۇچىغا چىققان بەتبەشىرىلىك. پولاتتەك پاكىت ئالدىدا، بارلىق يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ، ئۆز - ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ، تارىخنىڭ كۈلكە دەستىكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

مۇشۇ پەيتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توستى، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كېسەل مىسالى پەقەت 76 بولدى، نۆۋەتتە، ئۇدا 120 نەچچە كۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەل مىسالى كۆرۈلمەي، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى، ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىندى. ئەمەلىيەت شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىگە قاراپ باقساق، ھازىر ۋىرۇس 2 مىليون 260 مىڭ ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشىنى، 120 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مۇشۇنداق كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ۋەزىيەتتىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنىلا زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمنى توسماي، خەلقنى قوغداشنى ئويلىماي، ئەكسىچە پۈتۈن ئەس - يادى بىلەن باش قاتۇرۇپ گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوخشاشلا چوڭ دۆلەت، ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا كىمنىڭ ياخشى، كىمنىڭ ناچارلىقىنى شۇ ھامان بىلگىلى بولىدۇ، كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتالىقى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم.

مەيلى قانداق ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىمايلى، ھامان تەۋرەنمەستىن زەبەردەس قەد كۆتۈرۈپ تۇرىمىز. ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى قانچە خالىمىغانسېرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر بىلەن بۇ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيەتنى شۇنچە ياخشى قوغدايدۇ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بۇ يىل، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىدۇ، بىز ھەربىرىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى، قاتناشقۇچىسى بولىمىز. لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماي، ئويمان - دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئاچىمىز، بىز قول تۇتۇشۇپ ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ قەتئىي ئىلگىرىلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.