تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجە - ئۈنۈمى ھەممەيلەنگە ئايان

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بەزى كىشىلەر شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى كۆرسىلا ئولتۇرالماي قالىدۇ. شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كەسكىن سۆزلىشىشىگە قارىماي، ئاتالمىش «2020 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇۋالدى. بۇ ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى» «ھوقۇق تەۋەلىكىدىن ھالقىپ باشقۇرۇش»تىن ئىبارەت زومىگەرلىك تەپەككۇرى بىلەن، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا خالىغانچە بوھتان چاپلاپ، ئۇنى ئاساسسىز ئەيىبلىگەن، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە قارىتا بىرتەرەپلىمە قاراش بىلەن تولغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىكى قوش ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، ئۇنىڭ ساختىلىقى ۋە زومىگەرلىك لوگىكىسىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى.

تېررورىزم، ئەسەبىزم ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق زەربە بېرىدىغان ئوبيېكت. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، ئۇزاقتىن بۇيان تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ تەھدىتى ۋە خەۋپىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى، ئۈزلۈكسىز يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەلىرى ئاۋامنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئىنتايىن زور دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلدى. زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى، يامرىشىنى توسۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى.

زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈز بەرگەن، ئۈزۈلمەي يۈز بەرگەن مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، شىنجاڭ قەتئىي تۈردە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت قەدەم - باسقۇچى ۋە ئىپادىسى بولۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، دىنىي ئەسەبىزم بىلەن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايى قىلمىشى بار كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇۋالدى، تېررورىزم، ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى.

ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا گاس - گاچا بولۇۋېلىپ، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەت قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا تارىختىكى ھەرقانداق بىر مەزگىلدىكىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شىنجاڭدىكى جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئوبيېكتىپ پاكىتلارغا پىسەنت قىلماي، شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى يامان غەرەزدە ئەيىبلىدى، ئۇنىڭغا قارا چاپلىدى، بوھتان چاپلىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، تېررورىزم، ئەسەبىزمنى قانات ئاستىغا ئالغانلىق، ئۇنىڭغا يول قويغانلىق، بۇ، خەلقئارا ئەخلاق - ھەققانىيلىق ۋە ئىنسانىي ۋىجدانغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭغا جەزمەن لەنەت ئوقۇيدۇ.

ھازىر، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردى، بۇ خەلق رايىغا ئۇيغۇن، كىشىلەر كۆڭلىگە ياقىدۇ، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك. 2018 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار قاتارلىق 70 نەچچە تۈركۈم ئۆمەك، گۇرۇپپا، 90 نەچچە دۆلەتنىڭ 1000دىن ئارتۇق ئادىمى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى. ئۇلار ئومۇميۈزلۈك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنلىرىمىز ئامېرىكىنىڭ دېگىنىگە ئوخشىمايدىكەن، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۇسۇلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولۇپ، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋە ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ «كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلدى» دېگىنى پۈتۈنلەي بىمەنە سەپسەتىدۇر، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجە - ئۈنۈمى پۈتۈن دۇنيادا ھەممەيلەنگە ئايان، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكى پۈتۈن دۇنيادا ھەممەيلەنگە ئايان.

بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش، مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، دىنلار ئىناقلىقىنى سىجىل ساقلىشى دەل ئەڭ كەڭ خەلق رايى ۋە ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق، دەل ئامېرىكا تەرەپنىڭ قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشىغا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە. بىز دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىمىزدىن قەتئىي تەۋرەنمىسەكلا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش ئىرادىمىزدىن قەتئىي تەۋرەنمىسەكلا، ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.