تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سىن يىغىنىدا يازما سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سىن يىغىنى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا يازما سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىم تۇيۇقسىز تارقالغان يۇقۇم ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە پەيدا قىلدى، بىر قىسىم دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيىتى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەۋقەنى ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. خېلى كۆپ دۆلەتلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ. جۇڭگو خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ پۈتۈن يەر شارىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن ئىمكانقەدەر بالدۇرراق غەلىبە قىلىشى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇم بىزگە بىر قاتار چوڭقۇر تەپەككۇر ئىلھامى ئېلىپ كەلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان، ئىنسانلار جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. مەيلى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا بولسۇن ياكى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بولسۇن، ھەممىمىز ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش يولىدا مېڭىشىمىز، ھەممىمىز كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئۆزئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تىنچ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. بىز ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىز بىلەن بىللە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئىتتىپاقلىشىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ھەمكارلىق يولى، خەلقنىڭ ساغلاملىقى - بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ساغلاملىق يولى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جانلىنىش يولى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشتىكى ئېشىش يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايمىز. يۇقىرى سۈپەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.

بۇ قېتىمقى يىغىننى جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، باش تېمىسى «<بىر بەلباغ، بىر يول> خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرايلى» بولۇپ، 25 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياكى مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات - پىلان مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ستېينېر يىغىنغا قاتناشتى، يىغىندا قوشما بايانات ئېلان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.