تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

«13-بەش يىل»دىن بۇيان، بىڭتۇەن 2 مىليون 800 مىڭ مودىن ئارتۇق قۇملاشقان يەرنى تۈزەشنى تاماملىدى

    بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى: 6-ئاي كىرىشى بىلەن، 7-شى 37-تۇەننىڭ جەنۇبىدىكى چۆللۈكتە، 10 مىڭ مو يەردىكى سۆكسۆك قويۇق ئۆستى، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى ھەر كۈنى باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، سۆكسۆك ئاستىغا تېرىلغان توشقان زەدىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. «13-بەش يىل»دىن بۇيان، بىڭتۇەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشكە جەمئىي 1 مىليارد 481 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 2 مىليون 802 مىڭ 200 مو قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلىدى.

    بىڭتۇەننىڭ كۆپ ساندىكى تۇەن-مەيدانلىرى ئۈچ گىرۋەك(قۇملۇق گىرۋىكى، چۆللۈك گىرۋىكى، دۆلەت چېگراسى گىرۋىكى) بەلبېغىغا جايلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە قۇملۇق رايونىغا جايلاشقان تۇەن-مەيداندىن 125ى  بار بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ۋەزىپىسى مۈشكۈل.

    بىڭتۇەندىكى تۇەن-مەيدانلار، بولۇپمۇ قۇملۇقتىكى تۇەن-مەيدانلار سۇغا قاراپ ئورمان ۋە ئوتلاقنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئىھاتە ئورمان بەلبېغىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى، سۈنئىي ئوتلاق بەرپا قىلىپ، ئوتلاقنى دائىرىلىك قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئورمان ۋە ئوتلاقتىكى چاشقان، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قۇملۇقتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ھەقىقىي ئەسلىگە كەلتۈردى. ئورمانچىلىقتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردا، ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇەن-مەيدانلارغا مايىللاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قۇملۇق رايونىدىكى خاس ئىقتىسادىي ئورمان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈۋرۈك كەسىپلەرنى زورايتتى ۋە كۈچەيتتى. «13-بەش يىل»دىن بۇيان، بىڭتۇەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، شەھەرلەرگە تۈرلۈك قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش مەبلىغىدىن 229 مىليون يۈەن ئاجراتتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۇەنلەردە چىلان، ياڭاق، ئالما ئاساس قىلىنغان يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىقتىسادىي ئورمان 341 مىڭ موغا يېتىپ، جەمئىي 17 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

     بۇ يىل، بىڭتۇەن دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېشىپ قالغان 197 مىڭ 800 مو قۇملاشقان يەرنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايدۇ، بىڭتۇەننىڭ توققۇز يېرىدىكى دۆلەت قۇملۇق باغچىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇملۇق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى