شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسىنىڭ 2020-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىدا، مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى جيەنجۈن ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۆپۈكچىسىنى يۆتكىمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دوۋ شىڭجۈن فوتوسى، خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسىنىڭ 2020-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا ئۆتكۈزۈلدى، بارلىق ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، ماس قەدەمدە كۆردى ھەمدە سۆز قالدۇردى.
شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋۇ لېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان 80 ئوقۇغۇچى ۋەكىل بولۇپ، ئورۇن قالدۇرۇپ ئولتۇرۇپ قاتناشقان بولۇپ، باشقا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى يۇغۇرۇلما تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق بىۋاستە كۆرسىتىشنى كۆرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، مەكتەپ 11 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ۋە چوڭ سوۋغات (باكلاۋۇرلۇق كىيىمى، تەكلىپنامە، بىر پارچە خەت)نى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزگەن.