تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يۇقۇمنىڭ كەسكىن سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەنلىكىنى كۆرسەتتى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىنى تەكىتلىدى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرايلى، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭەيلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى جۇڭگو ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقا، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگال بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرايلى، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭەيلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى جۇڭگو ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقا، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگال بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرايلى، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭەيلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتى، دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىش تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئافرىقا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى ۋە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى كېرەك. يىغىندا «جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ قوشما باياناتى» ئېلان قىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسى يەتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى جۇڭگو ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقا، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگال ئورتاق تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا، سېنېگال زۇڭتۇڭى سال ۋە مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، كونگو(كىنشاسا) زۇڭتۇڭى زىسېكدى، ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېببۇنى، گابون زۇڭتۇڭى بانگو، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتتا، مالى زۇڭتۇڭى كېيتا، نىگېر زۇڭتۇڭى ئىسسوفۇ، نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى، رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې، زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا، ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئابى ھەمدە ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاكى قاتناشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن يەر شارى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە، بىز بۇ قېتىمقى جۇڭگو - ئافرىقا ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزدۇق، ھەرقايسى كونا، يېڭى دوستلار بىلەن سىن ئارقىلىق جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش زور تەدبىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقىنى ئورتاق بايان قىلدۇق. بۇ قېتىمقى يۇقۇم تۇيۇقسىز تارقىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كېلىپ، نەچچە يۈز مىڭ كىشىنى قىممەتلىك ھاياتىدىن مەھرۇم قىلدى. مەن، يۇقۇمدا بەختكە قارشى قازا قىلغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ھال سوراش تەكلىپى بېرىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتى، دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىش تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئافرىقا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداپ، يۇقۇمنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، داۋاملىق تۈردە ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ، داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدۇ، ئافرىقا تەرەپنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەملىشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مۇددەتتىن بۇرۇن بۇ يىل ئىچىدە ئىش باشلاپ ئافرىقا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى باش ئىشتابىنى قۇرىدۇ، ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدىكى «ساغلاملىق - سەھىيە ھەرىكىتى»نى ياخشى يولغا قويۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو - ئافرىقا نىشانلىق ئۇدۇللاشقان دوختۇرخانىلار ھەمكارلىقىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مۇنداق ۋەدە بېرىدۇ: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى تاماملىغان ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

ئىككىنچى، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدا، ئالاقىدار ئافرىقا دۆلەتلىرى 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا قەرەلى توشىدىغان جۇڭگوغا تۆلەيدىغان ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ۋە قەرزنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، يۇقۇم پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغان، بېسىم پەۋقۇلئاددە زور بولغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىدۇ، بۇ، قەرزنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگودىكى ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىغا تەتبىقلاپ، بازار پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن سودا ئىگىلىك ھوقۇقى قەرز پۇلىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا دوستانە كېڭىشىش ئېلىپ بارىدۇ. جۇڭگو تەرەپ 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھىنى نۆۋەتتىكى قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئافرىقىنىڭ قەرزىنى كېمەيتىش - كېچىكتۈرۈش مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەم باشقا ھەمراھلار بىلەن ئافرىقىغا ياردەم بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، ئافرىقىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى قوللايدۇ، ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە رەقەملىك ئىقتىساد، ئاقىل شەھەر، پاكىز ئېنېرگىيە، 5G قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

ئۈچىنچى، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى قوغداشنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەرشارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى قوللاشنى خالايدۇ. بىز يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، ۋىرۇسنى بەلگىلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرىمىز، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشقا قارشى تۇرىمىز، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدايمىز.

تۆتىنچى، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. مەن ھەرقايسى كەسىپداشلار بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى پۇختىلاپ، بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، جۇڭگو - ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىردەك قارار قىلدۇق. بۈگۈن بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئېچىشىمىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا بەرگەن ۋەدىمىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىك، شۇنداقلا خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈندۇر. ئىشىنىمەنكى، ئىنسانلار ھامان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، جۇڭگو - ئافرىقا خەلقلىرىمۇ ھامان تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى سۆزلىرىدە بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىدا، ئافرىقىدا كېڭىيىۋاتقان، يامراۋاتقان ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنى ئېچىش ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئافرىقا - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە ئافرىقا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئېلاستىكلىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئافرىقا تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ماددىي ئەشيا، تېخنىكا، تەجرىبە قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە قىممەتلىك ياردەم ۋە مەدەت بەردى، ئافرىقا دۆلەتلىرى بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ. يۇقۇم مىسلىسىز كەسكىن بولغان يەرشارىۋى كىرىزىس بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللىغاندىلا، ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلالايدۇ. ئافرىقا تەرەپ ئالاقىدار ھەقدار دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قەرزىنى يەنىمۇ كېمەيتىشى - كېچىكتۈرۈشى، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش، دورا، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە، جۇڭگو ئۈلگە تىكلىدى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ پۈتۈن ھاۋارايىلىق ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ئافرىقا تەرەپ ئافرىقا - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قەتئىي كۈچ چىقىرىپ، ئافرىقا - جۇڭگو سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئافرىقا - جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنايدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، ئاكتىپ، دوستانە كەيپىياتتا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. باشلىقلار يىغىنىدا «جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ قوشما باياناتى» ئېلان قىلىندى. جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشقا؛ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكلەش ۋە ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا؛ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەھىيە - ساغلاملىق، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ساھەلىرىگە تېخىمۇ كۆپ مايىللىشىشقا؛ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا ئىرادە باغلىدى.

دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۇنلەن، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.