تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرايلى، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭەيلى

− جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا قىلىنغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى

(2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، بېيجىڭ)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

ھۆرمەتلىك رامافۇسا زۇڭتۇڭ،

ھۆرمەتلىك سالى زۇڭتۇڭ،

ھۆرمەتلىك ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى،

ھۆرمەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاكى ئەپەندى،

ھۆرمەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ئەپەندى،

ھۆرمەتلىك دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي ئەپەندى،

پۈتۈن يەر شارى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە، بىز بۇ قېتىمقى جۇڭگو - ئافرىقا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى يېڭى - كونا دوستلار بىلەن سىن ئارقىلىق جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى ئورتاق ئىزھار قىلىۋاتىمىز. رامافۇسا زۇڭتۇڭ، سالى زۇڭتۇڭنىڭ مەن بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ھەرقايسى كەسىپداشلارنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن يەنە يىغىنغا قاتناشمىغان ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

بۇ قېتىمقى يۇقۇم تۇيۇقسىز تارقىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كېلىپ، نەچچە يۈز مىڭ كىشىنى قىممەتلىك ھاياتىدىن مەھرۇم قىلدى. بۇ يەردە، مەن يۇقۇمدا بەختكە قارشى قازا قىلغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ھال سوراش تەكلىپى بېرىمەن.

− يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو ۋە ئافرىقا كەسكىن سىناقلارغا بەرداشلىق بەردى. جۇڭگو خەلقى مىسلىسىز جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق غايەت زور بەدەل تۆلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنى تىزگىنلىدى، لېكىن يەنىلا قايتا كۆرۈلۈش بېسىمىغا دۇچ كەلدى. ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقلىرى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلدى، ئافرىقا ئىتتىپاقى پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى، بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى.

− يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو ۋە ئافرىقا ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى. جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئەڭ مۈشكۈل پەيتتە، ئافرىقا قىممەتلىك مەدەت بەردى، بىز بۇنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلايمىز. ئافرىقىدا يۇقۇم پارتلاش خاراكتېرلىك يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئالدى بىلەن تېزلىكتە ياردەم بېرىپ، ئافرىقا خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇردى.

− يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپ تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتى، دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىش تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. مەن شۇنى قايتا تەكىتلەشنى خالايمەنكى، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئافرىقا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ.

ھەرقايسى كەسىپداشلار!

ھازىر، يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداپ، يۇقۇمنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، مەن دۇنيا سەھىيە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جاكارلىغان تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، داۋاملىق تۈردە ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ، داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدۇ، ئافرىقا تەرەپنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ماسلىشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مۇددەتتىن بۇرۇن بۇ يىل ئىچىدە ئىش باشلاپ، ئافرىقا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىي باش ئىشتابىنى قۇرىدۇ، ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدىكى «ساغلاملىق - سەھىيە ھەرىكىتى»نى ياخشى يولغا قويۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو - ئافرىقا نىشانلىق ياردەم بېرىش دوختۇرخانىسى ھەمكارلىقىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مۇنداق ۋەدە بېرىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش تاماملانغان ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

ئىككىنچى، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن زەربىنى يېڭىش ئۈچۈن، بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ ھەم ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىسىنى ساغلاملىق - سەھىيە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ساھەلىرىگە مايىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدا، ئالاقىدار ئافرىقا دۆلەتلىرى 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرى قەرەلى توشىدىغان جۇڭگوغا تۆلەيدىغان ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ۋە قەرزنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، يۇقۇم پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغان، بېسىم پەۋقۇلئاددە زور بولغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىدۇ، جۈملىدىن قەرزنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگونىڭ ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىغا تەتبىقلاپ، بازار پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن سودا ئىگىلىك ھوقۇقى قەرز پۇلىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا دوستانە كېڭىشىشكە ئىلھام بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھى نۆۋەتتىكى قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئافرىقىنىڭ قەرزنى كېمەيتىش - كېچىكتۈرۈش مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەم باشقا ھەمراھلار بىلەن ئافرىقىغا ياردەم بېرىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

ئافرىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۇزاق يول. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، ئافرىقىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى قوللايدۇ، ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، رەقەملىك ئىقتىساد، ئاقىل شەھەر، پاكىز ئېنېرگىيە، 5G قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ھەمكارلىقىنى ئورتاق كېڭەيتىپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ئۈچىنچى، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى قوغداشنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى قوللاشنى خالايدۇ. بىز يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، ۋىرۇسنى بەلگىلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرىمىز، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشقا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدايمىز.

تۆتىنچى، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ موھتاج. مەن ھەرقايسى كەسىپداشلار بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى پۇختىلاپ، بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، جۇڭگو - ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايمەن.

ھەرقايسى كەسىپداشلار!

بىز جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىردەك قارار قىلدۇق. بۈگۈن بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئېچىشىمىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا بەرگەن ۋەدىمىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، شۇنداقلا خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈندۇر. ئىشىنىمەنكى، ئىنسانلار ھامان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، جۇڭگو - ئافرىقا خەلقلىرىمۇ ھامان تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

رەھمەت.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.