تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ %88تىن ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى چىقاردى

بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ %88تىن ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسەتتى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى «2020 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى)نى تۈزۈپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلاردىن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، 2020 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يىل ئاخىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %88تىن ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

«لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاپتونوم رايون رەتكە تۇرغۇزۇپ يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىش ئارقىلىق بىر تۈركۈم ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، كارخانىلار، ئاساسىي قاتلام تۈرلىرى، ئۆرلەپ ئوقۇش، ھەربىي سەپكە قاتنىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى قىلىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورۇنلىرىنى جەملەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تاللىشىغا قويىدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى بوش قالغان ئىش ئورۇنلىرىنىڭ %80ى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە يۈزلىنىپ قوبۇل قىلىدۇ. بۇ يىل كەسپىي ئورۇنلاردىكى بوش قالغان ئىش ئورنىنىڭ %70ىگە بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قوبۇل قىلىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئاساسىي قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلار، داۋالاش - سەھىيە تېخنىك خادىملىرىغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ. مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى، يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئادەم ئىشلىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىش ئورۇنلىرىغا %50تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەت بويىچە بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە ماس كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورۇنلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، ئاساسلىقى بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. «ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى»نى قوبۇل قىلىش پىلانى، «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» پىلانى ۋە «غەربىي قىسىم پىدائىيلار مۇلازىمىتى» پىلانى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تۈرلىرى ياخشى تەشكىللىنىپ يولغا قويۇلۇپ، قوبۇل قىلىش پىلانى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ئاسپىرانتلار ۋە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇغانلارنى قوبۇل قىلىش كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىشىغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىلىدۇ. ئۈچ يىلدا 10 مىڭ ياشنى پىراكتىكا قىلدۇرۇش پىلانى سىجىل يولغا قويۇلۇپ، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا پىلانى(مەخسۇس تۈر، فوند قاتارلىقلار) پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى، كارخانا قاتارلىق ئورۇنلار پەن تەتقىقات ياردەمچىسى ئىش ئورۇنلىرىنى ئېچىپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى جەلپ قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

«لايىھە»گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون مەخسۇس ھەرىكەتنى يولغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. 10 مىليون ئىش ئورنىغا توردا تەكلىپ قىلىش 100 كۈنلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇش يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە يۈزلىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلەش باغچە رايونى، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئىجادكارلار بوشلۇقى قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سۇپىلىرىدىن بىرتۇتاش پىلانلاپ پايدىلىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى ھەر تەرەپلىمە قوللايدۇ.

«لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر، ئوقۇش پۈتكۈزگەن مېيىپلەر قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كۆيۈنۈپ، خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلىپ، مەخسۇس تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، «بىر ئوقۇغۇچىغا بىر تەدبىر قوللىنىش» ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، «بىرگە بىر» دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىمكانقەدەر تېز ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى