تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىر ئۈلۈش كىرىم كۆپەيسە، بىر ئۈلۈش كاپالەت كۆپىيىدۇ


5-شى 83-تۇەن باغۋەنچىلىك 1-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى لى شىجۈن تيەنفۇ يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ گازلاشقان بېتون خىش زاۋۇتىدا ئىشلەپ، مەھسۇلات(ماتېرىيال سۈرەت) توشۇشقا مەسئۇل بولدى. (ياڭ لىجۈەن فوتوسى)

    بېڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى: «مېنىڭ ئىسمىم لى شىجۈن، 5-شى 83-تۈەن باغۋەنچىلىك 1-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى، ھازىر تيەنفۇيۈەن يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ گازلاشقان بېتون خىش زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتىمەن. بۇلتۇر خوتۇنۇم ئىككىمىزنىڭ ليەندۈيدە كۈزلۈك چىلان ئۆستۈرۈپ قىلغان كىرىمىمىزگە زاۋۇتتا ئىشلىگەن كىرىمىمىزنى قوشقاندا جەمئىي 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. كىرىمىمىز كۆپەيدى ھەم مۇقىم بولدى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى يېڭى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق، تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى».

    تيەنفۇيۈەن يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى 83-تۇەننىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىپ كىرگۈزگەن كارخانىسى بولۇپ، 2015-يىلى تۇەن-مەيدانلارغا ماكانلاشقان. ھازىر زاۋۇتتا ئىككى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار بولۇپ، يىلىغا 500 مىڭ كۇب مېتىر گازلاشقان بېتون خىش ئىشلەپچىقىرالايدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 35 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

    ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسى ئۈچۈن، بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئىلگىرىكى نامرات ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، 83-تۇەن تيەنفۇيۈەن يېڭىچە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىپ كىرگۈزگەن كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇردى، كارخانىلارنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

    «ئىلگىرى خوتۇنۇم ئىككىمىز ليەندۈيدە كېۋەز تېرىغاچقا، كىرىمىمىز يۇقىرى ئەمەس ئىدى، قورساق تويغۇزۇش، كىيىم پۈتۈن بولۇش مەسىلىسىنىلا ھەل قىلالايتتۇق. تۇەن-مەيداننىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خوتونۇم ئىككىمىز بىر پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ كۈزلۈك چىلان تېرىدۇق. تىرىشچانلىقىمىزدا، تۇنجى يىلدىكى پايدا يامان ئەمەس بولدى. 2018-يىلى بىر كىشىلىك كىرىمنى كۆپەيتىپ، بىر كىشىلىك كاپالەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ تەۋسىيەسدە، خوتۇنۇم ئىككىمىز زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلىدۇق».

    «بىزگە ئوخشاش زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەيدىغان ليەندۈي ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ناھايىتى كۆپ». ليەندۈي ئاھالىسى پەن سەنخۇا ئىككى يىل ئىلگىرى ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ، تەرەپ-تەرەپتە ئىشلەمچىلىك قىلىپمۇ، كىرىمى مۇقىم بولمىغان ئىدى. كېيىن ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، ئۇمۇ زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلىدى، ياخشى تەمىنات ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن زاۋۇتتا تۇرۇشقا ئۈندىدى. ھازىر ئۇ زاۋۇتتىكى پىشقان ئىشچىغا ئايلاندى، بالىسىغىمۇ قارىيالايدىغان بولدى. مۇخبىر ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولدى، ئۇنىڭ يېڭى ئۆي جاھازلىرى ۋە يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولدى. ئۇ ئېرى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، قەرزلىرىنى قايتۇرۇپلا قالماي، يەنە بانكىغا پۇل ئامانەتمۇ قويدى.

    «ھازىر زاۋۇتتا 90 ئىشچى-خىزمەتچى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى 70تىن ئارتۇق ئادەم تۇەن-مەيداندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسى بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ يىل زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلىگەندىن باشقا، خوتۇنۇم ئىككىمىز يەنە يەتتە پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ كۈزلۈك چىلان تېرىدۇق. تىرىشىپ ئىشلەش، كىرىمىمىزنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا يۈزلەندۈردى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى