تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنى زىيارەت ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىدا CBA چولپانلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار ياڭ گۇاڭ، نيې نىڭ، جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىگە كېلىپ، قۇرۇلۇش پۈتۈپ تاپشۇرۇش تاماملانغان ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىنى زىيارەت قىلىپ، CBA چولپانلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغان بۇ زامانىۋى تەنتەربىيە سارىيىنى ھېس قىلىپ كۆردى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئ‍‍ۈرۈمچى ئ‍‍ولىمپىك ت‍‍ەنتەربىيە م‍‍ەركىزى ئ‍‍ۇنىۋېرسال ت‍‍ەنتەربىيە س‍‍ارىيى م‍‍ەملىكەت ب‍‍ويىچە ئ‍‍ەڭ چ‍‍وڭ چاق گۈگۈسۈنسىمان ئاسما تور تەنتەربىيە سارىيى بولۇپ، د‍ۆلەت ئىچىدىكى ئ‍‍ەڭ چ‍‍وڭ ت‍‍ۆت تەرەپلىك ئاسما ئېكران ۋە 12 مىڭ ئورۇن بار ئىكەن. مەيدان-ساراينىڭ لايىھەلىنىش ئۆلچىمى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى چوڭ تىپلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش شەرتىنى ھازىرلىغان، WCBA ،CBA كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە چولپانلار ھەپتە ئاخىرىلىق مۇسابىقىسى، جۇڭگو پەي توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئاشكارا مۇسابىقىسى، ۋالىبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە تېننىس توپ، گىمناستىكا، روۋداۋچە چېلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل كەسپىي تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈش بىر گەۋدە قىلىنغان.

ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تۈرىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 320 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 305 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئىكەن. بىر مەيدان (تەنتەربىيە مەيدانى)، تۆت ساراي (ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيى، ئومۇمىي خەلق چېنىقىش سارىيى، سۇ ئۈزۈش سارىيى، يېنىك ئاتلېتىكا سارىيى)، بىر مېھمانساراي (خەلقئارالىق داڭلىق مېھمانساراي) قاتارلىق ئىمارەت توپىدىن تەشكىللەنگەن. 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىنى تاپشۇرۇش تاماملاندى، يېقىندا رەسمىي ئىشلىتىلىدۇ؛ مۆلچەرلىنىشىچە، سۇ ئۈزۈش سارىيى ۋە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيىنى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى تاپشۇرۇش تاماملىنىدۇ، 9-ئاينىڭ 30-كۈنى شىرايتون مېھمانسارىيى، يېنىك ئاتلېتىكا سارىيى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ، 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تەنتەربىيە مەيدانى ۋە مەشىق مەيدانىنى تاپشۇرۇش تاماملىنىدۇ. ئ‍‍ۈرۈمچى ئ‍‍ولىمپىك ت‍‍ەنتەربىيە م‍‍ەركىزى ت‍‍ۈرى ئ‍‍ۈرۈمچى ش‍‍ەھىرى ق‍‍ەشقەر ي‍‍ولىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان بۆلىكىنىڭ جەنۇبىدا، ك‍‍ۆرگەزمە ي‍‍ولى 2-ق‍‍ارارىنىڭ ش‍‍ەرقىدە بولۇپ، خوڭگۇاڭسەندىكى كۆرگەزمە م‍‍ەركىزى ب‍‍ىلەن ب‍‍ولغان ئ‍‍ارىلىقى 2.5 ك‍‍ىلومېتىر كېلىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن، تەنتەربىيە ماھارىتى، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، سودا كۆڭۈل ئېچىش، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي قاتارلىق كۆپ ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن ئېچىۋېتىلگەن تەنتەربىيە باغچىسىغا ئايلىنىدۇ.

ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك سۈرىتى.

ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىدىكى بەلگە تاختىسى.

ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى.

ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.

ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىدا رەت-رەت ئورۇنلار تاماشىبىنلارنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىدا مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تۆت تەرەپلىك ئاسما ئېكران بار.

بىر مۇخبىر سۈرەتكە تارتماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى