تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئىنىم مېنىڭ تۇرمۇشقا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشۇمغا ياردەم قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ شيا خەۋىرى): «ئاكا، مەن سىزنى كۆرگىلى كەلدىم، يېقىندىن بۇيان ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟». 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاۋات ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى لى فۇچياڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە دورىلارنى ئېلىپ بۇ ناھىيەنىڭ تامتوغراق بازىرى لاپا كەنتىگە كېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئاقنىياز موللامەتنى يوقلىدى.

«ھەممە ئىشلىرىم جايىدا، سىزنى بەك كۆرگۈم كەلدى ئىنىم.» ئاقنىياز بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن ئەمدىلا دەرەختىن ئۈزگەن ئۈجمە، ئۆرۈكلەرنى ئېلىپ لى فۇچياڭنى كۈتۈۋالدى.

«كۆز كېسىلىڭىزنىڭ دورىسىنى يەپ بولدىڭىزمۇ؟ مەن يەنە بىر باسقۇچ سېتىۋېلىپ ئالغاچ كەلدىم، دورىڭىزنى ۋاقتىدا يېيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. يەنە سىزگە ئۇن، ياغ، گۈرۈچ ئېلىپ كەلدىم» دېدى لى فۇچياڭ دورا ۋە ئۇن-ياغلارنى ئۇنىڭغا سۇنغاچ.

«رەھمەت ئۇكام، سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم» نەرسىلەرنى ئېلىپ ئاقنىيازنىڭ كۆزلىرى نەملەشتى.

ئاقنىياز ئېغىر كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، خوتۇنىنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس بولۇپ، كۈنلىرى بىر قەدەر تەستە ئۆتەتتى. 2016-يىلى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە دەپ بېكىتىلدى، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بىر مەھەل ئۇنىڭ ئىشەنچىنى يوقاتتى.

لاپا كەنتى ئاۋات ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت نۇقتىسى، ئۈچ يىل ئىلگىرى لى فۇچياڭ بىلەن ئاقنىياز بىر قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە تۇغقانلىشىپ، ئاقنىيازنىڭ بىر ئىنىسى كۆپەيدى.

ئائىلىسىنىڭ كىرىمى يۇقىرى بولمىغاچقا ئاقنىيازنىڭ كۆز كېسىلى ئۈنۈملۈك داۋالانمىدى. لى فۇچياڭ ئاقنىيازنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، دوختۇرنىڭ دىياگنوز قويۇشى بىلەن كۆز كېسىلى دورىسى سېتىۋېلىپ، ئاكىسىغا ۋاقتىدا يېيىشنى تاپىلىدى. بىر مەزگىل داۋالاش ئارقىلىق ئاقنىيازنىڭ كېسىلى خېلى ياخشىلاندى.

ئاقنىياز: «كۆزۈم ئۇزۇن يىل بىئارام بولغانىدى، ھازىر خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، ھېلىمۇ بىر ياخشى ئىنىم بار ئىكەن» دېدى.

ئاقنىيازنىڭ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، لى فۇچياڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئۇنىڭغا باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. لېكىن دەسلەپتە ئاقنىياز ياشىنىپ قالغاچقا، ئۆزىنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەي، پۇل تاپالماسلىقىدىن قورقتى.

لى فۇچياڭ ئۇنىڭغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، تېخنىك خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى چۈشەندۈردى. لى فۇچياڭنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە ياردىمىدە، ئاقنىياز ئون نەچچە قوي ۋە ئىككى كالا بېقىپ، ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە كۈنلەر بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى.

«بۇلتۇر مەن كالا، قوي بېقىپ 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئوڭۇشلۇق چۆرۈپ تاشلىدىم. بۇ يىل 4-ئايدا مەن يەنە بىر نەچچە قوزا سېتىۋالدىم، پۇل تاپقاندىن كېيىن باقمىچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىمەن. ئائىلەمنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىدە، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن، يەنە ئىنىمنىڭ ماڭا تۇرمۇش ئىشەنچى تۇرغۇزۇپ بەرگەنلىكىدىن مىننەتدارمەن» دېدى ئاقنىياز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى