تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

​گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسى: بۇغدايلىققا پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ۋېييۈەن، نەن مېڭشۇڭ، تيەن جىڭ خەۋىرى، فوتوسى): باش يازدا بۇغداي باشاقلىرى بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالغان ئىدى. 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى ئاياغ چودا كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسى ئاياغ چودا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللىدى. پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، بۇغداي ئورۇش، قاچىلاش، چۈشۈرۈش قاتارلىقلار ئىشلارغا ياردەملىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاممىنىڭ بۇغداي ئورۇشىغا ياردەملەشتى.

  خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ بۇغداي ئورىماقتا.

  خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ مەڭگەن توشۇماقتا.

  خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ئورۇلغان بۇغدايلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاشقا تەييارلانماقتا.

  دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى دېھقانلار بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى