بۇ، 6-ئاينىڭ 16-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تاراتقۇلار زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 305 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، جەمئىي 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيى، تەنتەربىيە مەيدانى، ئۇنىۋېرسال يېنىك ئاتلېتىكا سارىيى، سۇ ئۈزۈش سارىيى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيى، تەنھەرىكەتچىلەر مېھمانخانىسى ۋە ئالاقىدار يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تاپشۇرۇپ بولۇنغان، باشقا مەيدان-ساراي ئەسلىھەلەر بۇ يىل ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن تاپشۇرۇلىدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
6-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىدا، تاراتقۇ كەسىپكارلىرى تەنھەرىكەتچىلەر كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
بۇ، 6-ئاينىڭ 16-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيى. بۇ سارايدا بىرلا ۋاقىتتا 13 مىڭ تاماشىبىن مۇسابىقە كۆرەلەيدۇ.
6-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەر مېھمانخانىسىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا.
6-ئاينىڭ 16-كۈنى، تاراتقۇ كەسىپكارى شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيى ئىچىنى سۈرەتكە تارتماقتا.