تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئالغا سىلجىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئالغا سىلجىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش>نىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش»نى چۆرىدەپ كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش شەكلى قوللىنىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشتە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىدىمۇ ماس قەدەمدە باش تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش توپى قۇرۇلۇپ، يىغىندا ۋە يىغىن سىرتىدا ھەمتۈرتكىلىك كېڭىشىدىغان، توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان ئون ۋەكىل جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش، ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشقا كۈچ قوشۇش، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە چارە - تەدبىر كۆرسەتتى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق كەلگۈسى خاراكتېرلىك خىزمەت قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم تەدبىر قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. بەزى ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پائالىيەتنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش؛ ھەرقايسى جايلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان ئۇسۇللىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، تىپىك تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىلغارلارنى تەقدىرلەش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ شەكلىنى بېيىتىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش شەكلى، ئۇسۇلىدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ ۋاسىتىسى، شەكلى ۋە مەزمۇنىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېجىل - ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەۋزەل رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى چىن قەلبتىن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى چېن ھېسسىيات بىلەن ياخشى سۆزلەپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يىغىندا، كۆپچىلىك ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن نۇرغۇن توغرا ھەم ئېنىق كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، پىكىر ئالماشتۇرۇش، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەسىلىنى تەتقىق قىلىش، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىگە يەتتۇق. يىغىندا شەكىللەنگەن ئورتاق تونۇش ۋە پىكىر - تەكلىپلەرنى دەرھال ئومۇملاشتۇرۇپ، رەتلەپ يۇقىرىغا يوللاپ، كېڭىشىش نەتىجىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ ئوبۇل باش تېما سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى