تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى جەنۇبىي شىنجاڭدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەمگەك كۈچلىرى كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى

    بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى: «بۈگۈن مۇئەللىم بىزگە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى، بۇنىڭ بىزگە ياردىمى چوڭ بولىدۇ» دېدى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسىدىن كەلگەن ئامما ئادىل تۇرسۇن مۇخبىرغا.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسىدىن كەلگەن 150 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئىشلەشكە قوبۇل قىلغان. شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىر قولدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى، يەنە بىر قولدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى تۇتقان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ئاساسەن ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش، مېھمانخانا مۇلازىمەتچىلىكى، مۇھىت تازىلىقىنى كۆكەرتىش، ئورمان مۇداپىئەسى قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئايلىق كىرىمىنىڭ 3000 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان. شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش تەلىپى بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ماھارەت ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى