تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تېز سۈرئەتتە ماڭسا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ

يېقىندا ئامېرىكا نېرۋا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يول مېڭىشى ئاستا بولغان كىشىلەر ئاسان قېرىپ كېتىدىكەن. يېقىندا، گېرمانىيەدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، تېز ماڭىدىغان ياشلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن.

گېرمانىيە مۇنستېر داشۆسىنىڭ تەتقىقات ئۆمىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بەدەن ساپاسى بىلەن چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ باغلىنىشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياش بولغان 1206 پىدائىينى ئوبيېكىت قىلىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىككى مىنۇت يول ماڭغدۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ مېڭە ماگنىتلىق رېزونانس تەسۋىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، چەبدەسلىكى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق بىلىش ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى ئۆلچىگەن. ئانالىز نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولغان ئەھۋالدا، سىناققا قاتناشقۇچىلار ئىككى مىنۇت ئىچىدە قانچە يىراققا ماڭسا (قەدىمى قانچە تېز بولسا)، چوڭ مېڭىسىنىڭ ئاق ماددا قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى شۇنچە ياخشى بولغان، ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى قاتارلىق بىلىش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولغان.

مۇنستېر داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور جوناسىن پىيادە مېڭىش لىمفا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەدەن ساپاسى چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا مەقسەتلىك ھالدا تەربىيەلىشى كېرەك، چېنىقىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، بالىلارنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىشى مۇمكىن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى