6-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساياھەتچىلەر بورتالا شەھىرى جىڭپو كۆلىدە كېمىگە ئولتۇرۇپ سەيلە قىلماقتا. بورتالا شەھىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. (نەن دېڭ فوتوسى)
6-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۆچكىگە قېتىلغان ھارۋىغا ئولتۇرۇپ ھېس قىلماقتا. شۇ كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كۆكئاغاش يېزىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «كەڭ كەتكەن گۈزەل يېزىدا ئۇچرىشىپ، ئەڭ گۈزەل قىشلىق قوزىنى ئىزدەش» مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. (ئارداق بەيسقان فوتوسى)
6-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر جىمىسار تيەندىيۇەن مەنزىرە رايونىدا قىزىلگۈللەرنى تاماشا قىلماقتا. يېقىندىن بۇيان، تيەندىيۈەن مەنزىرە رايونىدا ئۆستۈرۈلگەن قىزىلگۈل قاتارلىق ھەر خىل گۈل-گىياھلار بەس-بەستە ئېچىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. (جاڭ دېفېڭ فوتوسى)
شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى