تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھازىرقى چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. خىزمەت دەسلەپكى لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، پورت ھەم تۆمۈريول، تاشيول، ئايرودۇرۇم قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەكتەپ، يەسلى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلار ۋە كارخانا، ئىدارە، مەھەللىلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇپ، ئىمپورت قىلىنغان گۆش تۈرلىرى، مېۋە - چېۋە، كۆكتات ۋە ماللارنى تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قاراۋۇلخانىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋاقتىدا بايقاش، تېز بىر تەرەپ قىلىش، دەل جايىدا باشقۇرۇش، تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق ساھەلەردە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، توسالغۇ، قىيىن نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلار بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش كېرەك. زاپاس تۈرلەرنىڭ ئايلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، داۋاملىق قۇرۇلىدىغان، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا»نىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىم، يازلىق پەرۋىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» نىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىش كېرەك. ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مەكتەپلەرنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك، ياخشى ئىشلەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قاتارلىق تۈرلۈك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان خىزمەتلىرىنى بىخەتەر، تەرتىپلىك، ياخشى تەشكىللەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ھەر دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ھەم قوماندانلىق ئىشتابلىرىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، جاۋ چىڭ، ۋاڭ مىڭشەن، مەڭلىك سىيىت، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى