6-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ كۇچا شەھىرى چوڭ نان شەھەرچىسىدە، ئارتىسلار «كۇچا چوڭ نېنى» نومۇرىنى ئورۇندىماقتا. شىنخۇا تورى رۇستەم فوتوسى
شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى (رۇستەم): «نان شەھەرچىسى كېچىلىك زىياپىتى» ئويۇنى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى كۇچا شەھىرى چوڭ نان شەھەرچىسىدە قويۇلدى. ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش ۋە كۈسەن مەدەنىيەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر سەيلە-ساياھەت قىلغاچ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش بىلەن بىرگە، ئەنئەنىۋى مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.
يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەر كۇچانىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر. بۇ يىلدىن بۇيان، كۇچا شەھىرى شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە داڭلىق ماركا تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.
6-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ كۇچا شەھىرى چوڭ نان شەھەرچىسىدە، ئۇسسۇل ئارتىسلىرى «كۇچا چوڭ نېنى» نومۇرىنى ئورۇندىماقتا. شىنخۇا تورى رۇستەم فوتوسى
6-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ كۇچا شەھىرى چوڭ نان شەھەرچىسىدە، ئۇسسۇل ئارتىسلىرى «كۇچا سەنىمى»نى ئورۇندىماقتا. شىنخۇا تورى رۇستەم فوتوسى
6-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ كۇچا شەھىرى چوڭ نان شەھەرچىسىدە، ئۇسسۇل ئارتىسلىرى «چۈشتىكى كۈسەن» نومۇرىنى ئورۇندىماقتا. شىنخۇا تورى رۇستەم فوتوسى