تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

قەتئىي تەۋرەنمەي «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

قەتئىي تەۋرەنمەي «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك

مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرلۈك تەدبىرلىرىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئورۇنلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق ئېغىزلاردا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش كېرەك؛ دىققەتنى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى نۇقتىلىق تېزلىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى دەل جايىدا كېڭەيتىش كېرەك؛ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، قوشۇلما قىممىتى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، سىجىل تۈردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل يېتىلدۈرۈش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم، زور پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاجىز ھالقىلارنى كۆزلەپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بەشىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىت تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى ياخشى قوغداپ، ياخشىلاپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا كۈچەش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غەم قىلىدىغان ئىشلىرى، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرى، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلىرىنى ھەقىقىي، ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، قىلچە بوشاشماي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، تىرىشىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتە تەۋرەنمەسلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىدا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك كېرەك؛ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر ۋە ياخشى ئىستىل ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي بوشاشماي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە نەتىجە يارىتىش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئومۇمىي ھۇجۇم نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.